بېشىر ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
1813 - يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر دادىسى ئەردىشىرنىڭ ئىنانچىخان، دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ خانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن بولغاچقا، خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ چىڭۋاڭ قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭ 1815 - يىلى، 1819 - يىلى رېخىغا، (ھازىرقى خېبىي) غا بېرىپ خانغا كۆرۈنۈپ قايتىدۇ. 1823 - يىلى، 1833 - يىلى ئىككى قېتىم بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ. خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ، خان ئالدىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.
بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرىلىنىپ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى مەكتەپكە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ چىنە گۈمبىزى تۇرغۇزۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسە بىنا قىلىنىدۇ. راھەتباغ، ئۈزۈملۈك باغلار ياسىلىدۇ.
1866 - يىلى سۈپۈرگە باشچىلىقىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، بېشىر ۋاڭنى تۇتۇپ بېرىدۇ. 1967 - يىلى 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.