ئەخمەتجان قاسىمى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەخمەتجان قاسىمى 1914 يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىنجاڭ غۇلجا شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى قول - ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1922 - يىلى قورغاستىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى. كېيىن تاغىسى ئۆمەر قاسىمنىڭ ھىمايىسىدە ئانىسى بىلەن بىللە يەركەتكە كۆچۈپ بارىدۇ ۋە يەركەتتىكى دارىلئىتام مەكتىپىدە 7 - سىنىپقىچە ئوقۇپ كېيىن ئالمۇتىدىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1932 - يىلى تېخنىكومنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن ئىككى يىلدەك ئىشلەمچىلىك قىلدى.
1934 - يىلىنىڭ ئالدى - ئاخىرىدا ئۇ لېنىن ئۇنىۋېرسال ئىنىستېتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، دەسلەپ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا، كېيىن ئىقتىسادىي فاكۇلتىتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى.
1936 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى موسكۋا شەرق سوتسىيالىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇ يەردە ماركسىزم - لېنىنىزمدىن تەلىم ئالدى.
1942 - يىلى ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارباغاتاي چېگرىسى ئارقىلىق ئۆتۈپ غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، بىر مەزگىل ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. مۇشۇ جەرياندا، خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ شىنجاڭ زېمىنىدا، جۈملىدىن ئىلى رايونىدا بولۇۋاتقان زۇلۇم - زورلۇق ۋە خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى غەزەپ - نەپرەتلىرىنى چۈشەندى، ھەم ئاكتىپ ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىلغار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
1944 - يىلى 9 - ئايدا ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. بۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن پارتىزانلارغا قوشۇلۇپ، ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتناشتى، كېيىن گېزىتخانىدا ئىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربى بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئىنقىلاب غەلبىسىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئالدى - ئاخىر بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، بېتىم ۋەكىللەر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىس قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى يىغىنىغا كېتىۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال كۆلى رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بارغاندا ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختكە قارشى قازا تاپتى.
ئەخمەتجان قاسىمى بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئىنقىلابقا بولغان چەكسىز سادىقلىقى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالغان ئىستېداتلىق خەلق رەھبىرى ئىدى.