موللا ئابدۇلئەلىم (شائىراخۇن)
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا ئابدۇلئەلىم (شائىراخۇن) نىڭ ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، زامانىمىزغا ئۇنىڭ پەقەت بىرلا ئەسىرى _ «ئىسلامنامە» ناملىق تارىخىي داستانى يېتىپ كەلگەن. داستان نامدا ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئەھمەد خوجا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خوجاخان بىلەن بۇرھانىدىن خوجىلارغا بېغىشلانغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئاپتور 18 - ئەسىرنىڭ 40 - ۋە 50 - يىللىرىدىكى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت ئەھۋالى، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، ئۇيغۇر فېئوداللىرىنىڭ بۇ كۈرەشلەرگە قاتنىشىشى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغار خانلىقىنى ئۆزىگە بېقندۇرۇش ئەھۋالىنى ئەسەرنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تەسۋىرلەيدۇ.
داستاننىڭ تىلى شائىرنىڭ ئۆز دىئالېكتى، يەرلىك خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن خەلق ماقال - تەمسىللىرى كىرگۈزۈلگەن. چاغاتاي تىلى ئامىللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈشى داستاننى شۇ دەۋردە يېزىلغان باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
موللا ئابدۇلئەلىم (شائىراخۇن) «ئىسلامنامە» داستانىنى تەخمىنەن 1756 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يازغان. داستان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا 18 - ئەسىرگە تەۋە قىممەتلىك ئەدەبىي يادىكارلىق بولۇپلا قالماستىن، شۇ دەۋرلەردىكى ئالتىشەھەر خانلىقى، جۇڭغار خانلىقى تارىخىنى ئۆگىنىشتىمۇ قىممەتلىك مەنبە ھېسابلىنىدۇ.