UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا سەئىدۇللا

موللا سەئىدۇللا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر موللا سەئىدۇللا مىلادى 1840 - يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىگە قاراشلىق تېۋىز ( ئەسلى«تەبرىز») يېزىسىدا بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىر نامراتچىلىق دەستىدىن ئانچە كۆپ ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ، ياشلىق مەزگىللىرىدىلا ئۆزىدە مەلۇم بەدىئىي ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن. موللا سەئىدۇللا ھايات يولىدا ناھايىتى كۆپ ئېغىر چىلىقلارغا، ئېزىلىش، قېقىلىش - سوقۇلۇشلارغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن يۈرىكىدىكى بارلىق دەرد - ئەلىمىنى قەلەمگە مەركەزلەشتۈرۈپ چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى، پارىخور ئەمەلدارلارنى، جازانىخور يەر ئىگلىرىنى مەسخىرە قىلىپ ئۆتكۈر ھەجۋى لىرىك شېئىرلارنى يازىدۇ. ئەكسىچە، فېئودال جاھالەتپەرەس دىنىي - خۇراپىي كۈچلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ ۋە شائىرنى «ئىسيانچى» لىقتا ئەيىبلەپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چاقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن موللا سەئىدۇللا يۇرتىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ تەۋەسىدە بەش يىل ئايلىنىپ يۈرىدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ مارالبېشى ناھىيىسىدە بىر يىلچە تۇرۇپ، يازغان شېئىرلىرىنى رەتلەپ دىۋان قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ئۇنى تىۋىزدىكى ئىنىسى سايىت ئاخۇنغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەدەبىي مىراسى ئەنە شۇ دىۋاننىڭق سەيپىدىن ئاخۇن ئىسىملىك كىشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈۋېلىنغان تولۇقسىز نۇسخىسىدۇر. شائىر موللا سەئىدۇللا ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ ئۇ يەردىكى بەزى شەھەر، يېزىلاردا مەلۇم مەزگىل ئايلانغاندىن كېيىن، مىلادى 1892 - يىلى كەشمىرگە بارىدۇ. ئۇ بۇ جايدا ئۆزبېك شائىر زاكىرجان خالمۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، 1893 - يىلنىڭ باشلىرىدا شائىر فۇرقەتكە ھەمراھ بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. موللا سەئىدۇللانىڭ فۇرقەت بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇنىڭ ئىجادىغا زور ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ فۇرقەتتىن ئايرىلماي، يەكەنگە كەلگەن پېتى ئۇ يەردە 16 يىل، تا فۇرقەت ۋاپات بولغانغا قەدەر تۇرىدۇ. شائىر موللا سەئىدۇللا كېيىن پوسكامنىڭ قىزىل مېچىت دېگەن يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە مىلادى 1913 - يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ. شائىر موللا سەئىدۇللانىڭ چەت ئەلدە يەكەندە بولغان مەزگىللىرىدە يازغان شېئىرلىرىدىن جەملەنگەن بىر چوڭ دىۋانىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ ئەسەر ھازىرچە تېپىلمىدى. شائىرنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان 94 بەتلىك تولۇقسىز توپلىمى - «دىۋان موللا سەئىدۇللا» ئۆز ئىچگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە چوڭقۇرلۇقى، تىلىنىڭ ئاددىي ۋە ئاممىبابلىقى، ۋەزنىنىڭ يەڭگىل بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. شائىر موللا سەئىدۇللانىڭ ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار ۋە ئىجادىدىن نەمۇنىلەر «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىلى 3 - سانىدا بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى