نەۋبەتى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۆزىنىڭ لىرىكىلىق ئەسەرلىرى بىلەن 18 - ئەسىر ئۇيغۇر پوئېزىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان شائىر نەۋباتىنىڭ ئەسلى ئىسمى بىزگە مەلۇم ئەمەس. خوتەندە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان «نەۋبەتى» تەخەللۇسلۇق بۇ شائىرنىڭ ھىجرىيە 1160 - يىلى (مىلادى 1747 - يىلى) ئاياغلاشتۇرغان شېئىرىي دىۋانىدا ئېيتىلغان:
ئۆمرۈم ئەللىككە يېتىپ قالدى ھەنۇز (تېخىچە) مەن ئەل ئەمەس،
قىلمادىم ياخشى ئەمەل، بىھۇدە ئۆمر ئۆتتى دەرىغ.
ئەي يارانلار، بىز ئۆلۈرمىز، يادىكار قالدى كالام،
كىشىدىن قالغاي جاھاندا بىر نىشانە ياخشى نام.
مىڭ يۈز ئاتمىش ئېردى پەيغەمبەر نەبىنىڭ ھىجرەتى،
بۇ كىتابى نەۋبەتى تەسنقى بولدى ۋەسسالام.
دېگەن مىسرالاردىن بىز ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادى 1697 - يىللىرى ئەتراپىدا توغۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىمىز.
كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز سەھىپىسىدە ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان تەۋبەتىنىڭ «دىۋان نەۋبەتى» ناملىق بۇ لىرىك غەزەللەر توپلىمى ئەينى دەۋردە داڭدار خەتتاتلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ قولدىن قولغا ئۆتكەن ھەمدە بۇ قول يازمىلارنىڭ بىر نەچچە مۇكەممەل نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شائىر نەۋبەتى ئاخىرقى ئۆمرىنى تولىمۇ غۇبەتچىلىكتە، دورا پۇرۇشلۇق ۋە خەتتاتلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ ھال ئۇنى خەلققە يېقىنلاشتۇرغان. ئۇنىڭ بىر بۆلۈك لىرىك غەزەللىرى «ئون ئىككى مۇقام» ئاھاڭلىرىنى تېكستى قىلىنىپ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ لىرىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان شائىر نەۋبەتىنىڭ غەزەللىرى مەنتىقى راۋانلىقى، ئوخشىتىش ئىبارىلىرىنىڭ مەزمۇندارلىقى ۋە شەكلىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن كىتابخانلارنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.
دىلبەرىم، سەندەك جەھاندا ھېچكىم رەئنا ئەمەس،
فورقەتىڭدە ھېچكىم مەندەك ساڭا شەيدا ئەمەس.
ھۆسن باغىدا سېنىڭدەك كۆرمەدىم ئەي نازىنىن،
غۇنچەئى خەندان لەبىڭدىن ھېچكىم گۈلى رەئنا ئەمەس.
بۇلبۇلى بىچارە كۆڭلۈم گۈل يۈزۈڭنىڭ شەۋقىدىن،
زار يىغلاپ ئىستە نۇرمەن بىر گۈلى پەيدا ئەمەس.
لەبلەرىڭدىن غۇنچەئى بەرسەڭ جامالىڭ سەدقەسى،
ئۆكسۈمەسكىم ھۆسن باغىدا گۈلى لالە ئەمەس.
نەۋبەتى ئىجادىيىتىدە مۇھەببەت تېمىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ خاسىيىتى، ئىنسانىي ئەخلاق - پەزىلەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى شېئىرلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە خەلققە ھېسداشلىق، ئاياللارنىڭ كەمسىتىلىشىگە نارازىلىق، ئىنسانغا مۇھەببەت، دوستىغا ساداقەت، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتىكى سەمىمىيەت قاتارلىق مەزمۇنلار كۈيلىنىدۇ. شائىر يەنە ئۆز يۇرتى خوتەننى ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە زوق ئىشتىياق بىلەن كۈيلەيدۇ:
رەۋزىگە مانەند خىيال ئەت خوتەننى،
بېھىشتىن زىياد مىسال ئەت خوتەننى.
خۇجەستە خاكە رەھمەت سۈرمىسى،
كۆزۈڭگە تۇتيا خال ئەت خوتەننى.
............. ........ ........
جەھان شائىرلىرى گۈلشەنى باغى،
خەمسەڭگە قۇرداش ئىتسال خوتەننى.
سەن ھەم نەۋبەتى سىياھ رۇي ئېلىگە،
رەقىبلەر كۆزىگە زاۋال ئەت خوتەننى.
ئومۇمەن، نەۋبەتى ئۆزىنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان شائىرلىرىمىزنىڭ سىرى. شۇڭا، كلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا شائىر نەۋبەتىنىڭ ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.