UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلىمىت ئىسمايىل

ئابلىمىت ئىسمايىل

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەدەبىيات تەتقىقاتىچىىس ئابلىمىت ئىسمايىل 1942 - يىل 11 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدىكى قوناق بازىرى مەھەلىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1959 - يىى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن، 1964 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن، 1964 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئابلىمىت ئىسمايىل ئەدەبىيات ساھەسىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 1956 - يىلى <قەشقەر گېزىتى>دە ئېلان قىلىنغان <قىرائەتخانىدا> ناملىق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇستاز>، <داغدام يول>، <مەشئەل> قاتارلىق ھېكايىلارنى ئېلان قىلغان. ئابلىمىت ئىسمايىلنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ، ئاساسلىق زېھنىي كۈچنى ھازىرقى ۋە بۆگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان بولۇپ، بۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبلىرىمىز نىسبەتەن سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى كىتاب - <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى> (ماخمۇتجان ئىسلام بىلەن بىللە) ناملىق كىتابىنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، <تارىخ، تارىخىي رومان ۋە رېئاللىق>، <خەلقنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ قەبرىسى - نىمشېھىتنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا>، <ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە ھەيكەل - ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يولى> قاتارلىق 39 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. ئابلىمىت ئىسمايىل كلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، <ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ >رابىئە - سەئدىن< داستانى>، <خىرقىتى ۋە ئۇنىڭ >مۇھەببەتنامە - مېھنەتكامە< داستانى> قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئابلىمىت ئىسمايىل ئۆزى ئۇزاق يىللاردىن بېرى شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى>، <لۇشۈن ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەھلىل> قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىن تاللانغان ئەسەرلەر> قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزگەن. <جۇڭگو ئەدەبىياتى - كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات>، <لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، ئۇلارنى مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇغان. ئۇ يەنە <جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن تاللانغان ئەسەرلەر> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. بۇ كىتاب 1981 - يىلى شاڭخەي ئەدەبىيات - سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان. ئابلىمىت ئىسمايىلنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <لۇشۈن ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەھلىل> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى> (ماخمۇتجان ئىسلام بىلەن بىللە، 1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى> (1994 - يىل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى) قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ بەزى ماقالىلىرى <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر رومانچىلىقى توغرىسىدا> قاتارلىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. ئابلىمىت ئىسمايىل ھازىر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسۇرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ لۇشۈن تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ <قۇتاغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىمىت ئىسمايىل | UyghurWiki | UyghurWiki