تۇركۆللۈك باقىنىياز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تۇركۆللۈك باقىنىياز دورغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، پالۋان ئاتالغانلارنىڭ بىرى. 1933 - يىلى قىشتا شېڭ شىسەي تەخمىنەن 1000 دەك ئەسكىرىنى باشلاپ ئاراتۈرۈك قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرغىلى دازەلگۇ دېگەن يەرگە كېلىدۇ. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان تۇر كۆللۈك باقىنىياز دورغا تۆلەڭ توختى، بەرەم كوسۇ، شامەمەت پالۋان، كۆنەك غوجى قاتارلىق يەتتە نەپەر پالۋاننى باشلاپ دازەلگوغا كېلىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئەپلىك بولغان ئېگىز ئورۇننى ئىگىلەپ، شېڭ شىسەي قوشۇنىنى توسۇپ تۇرىدۇ. شېڭ شىسەي قوشۇنى يېتىپ كېلىشى ھامان باقىنىياز دورغا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئالتە ئادەمنى يەر چىشلىتىدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن چېكىنىگەن بولۇپ تارقىلىپ، باقىنىياز دورغىنىڭ ئىستىكامىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. باقىنىياز دورغا يەتتە بىلەن دۈشمەنگە قاراپ ئات سېلىپ ئوق ئېتىپ، دۈشمەن ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە مۇھاسىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. لېكىن، دۈشمەن، باقىنىياز دورغىلارنى ئوڭ - سول ئىككى تەرەپتىن قورشاپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا باقىنىياز دورغا ئوڭ تەرەپتىكى دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ باتۇرىنى بىر پاي ئوق بىلەن يېقىتىدۇ، تۆلەڭ توختى سول قاناتنىڭ باتۇرىنى، بىر پاي ئوق بىلەن يېقىتىدۇ، تۆلەڭ توختى سول قاناتنىڭ باتۇرىنى يىقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن ئالغا سىلجىيالماي چېكىنىدۇ.
1933 - يىلى شېڭ شىسەي قۇمۇلدىن تۆمۈرنى دېگەن يەرگە چىقىپ، نەنسەن (جەنۇبىي تاغ) خەلقىنى قىرغىن قىلماي بولۇپ، تۆۋەن ئىرغايدا مۆكۈنۈپ ياتقان خەلقنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. دۈشمەننىڭ ئەسكىرى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئىككى پولك كېلەتتى. باقىنىياز دورغا دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن يۇقىرىدا ئىسىمى ئاتالغان يەتتە پالۋاننى باشلاپ تۆۋەن ئىرغاتىدىكى تاغ ئۈستىدىن تۇيدۇرماي ئۆتۈپ، دۈشمەنگە يېقىن يەرگە كېلىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئون نەچچە ئادىمىنى يەر چىشلىتىدۇ، دۈشمەن ئىلاجسىز قېلىپ چېكىنىدۇ.
باقىنىياز دورغا ئۇرۇق، جىۋەك ھەم پاكار ئادەم بولۇپ، يول يۈرۈش، تاغقا چىقىشتا چاققان، قەدىمى تېز، ئۇرۇشتا جىگەرلىك ئادەم ئىدى. باقىنىياز دورغا ھەر قانداق ئۇرۇشقا قاتناشقاندا، يەر شارائىتى ۋە دۈشمەن ئەھۋالى بىلەن ئۆز كۈچىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئاز ئادەم بىلەن ھەرىكەتچان ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا ماھىر كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ قىسىمىدىن ئۇرۇشقا ئادەم ئۆلمەيدۇ، پەقەتلا توقسۇن قورمال، مەڭە نىياز، موللاسالى، گاسىف ئاسىپ قاتارلىق تۆت كىشى يارىلىنىدۇ، شۇڭا خەلق ئۇنى مەدھىيلەپ:
دۈشمەن ئاتىدۇ تاشقا،
پالۋان ئاتىدۇ باشقا.
باقىنىياز دورغىنى ياندۇرساق،
يىگىرمە - ئوتتۇز ياشقا.
دېگەن قوشاقنى توقۇغان.