مەمتىلى تەۋپىق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان مەمتىلى ئەپەندى توختاجى ئوغلى. 1901 - ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ بويامەتا يېزىسىدىكى بىر مىللىي تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ خەت ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، 1914 - يىلى ئېكىساق يېزىسىدىكى پەننى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا ساز، ناخشا ۋە شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.
1920 - يىلى تىرىكچىلىك مەقسىتىدە دادىسى بىلەن بۆرتالا، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ. شائىر بۇ سەپىرىدە فېئوداللىق جاھالەت ئىسكەنجىسىدە ئىڭراپ ياتقان خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، قالاقلىق ۋە خۇراپاتلىقتا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي پاجىئەسىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئېچىنىش پەيدا بولىدۇ.
1921 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، مۇسابىر يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇش ئىمكانىيتىنى ئىزدەپ، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدۇ. كېيىنرەك موسكۋاغا بېرىپ، شەرق دارىلفۇنۇنىغا كىرىپ ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ. كېيىن تۈركىيىگە بېرىپ ئىستامبول شەھىرىدىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قارا خىزمەتچىسى بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. كېيىنرەك ئوقوشقا قوبۇل قىلىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل شەھەر ئەتراپىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
30 - يىللار شىنجاڭدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، ناھايىتى تىزلىكتە شىنجاڭغا يامراپ، جىن شۇرېن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىش، يېڭى مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلەن ئۆزى خەلقىنى قۇراللاندۇرۇش، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ياشاش مەقىستى قىلغان ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1932 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. 1933 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. 1933 - يىلدىن باشلاپ ئاتۇشتا يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش بىلەن قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئاتۇش ۋە قەشقەر مائارىپىنىڭ ئەھۋالىدا يېڭى بىر ۋەزىيەت ياراتتى. ئۇنىڭ تەربىيىسى ئاسىتىدا ئىلغار پىكىرلىك بىر قىسىم ياش زىيالىيلار يېتىشىپ چىقىپ، ياش ئەۋلادلارغا ئىلىم - پەن تارقىتىشقا باشلىدى.
1936 - يىلى مەمتىلى ئەپەندى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر تۈرمىسىدە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئىشىغا بېرىلگەن ئوت يۈرەك شائىر تەۋپىق ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ.