ئىمىر ھۈسەيىن قازى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئىمىر ھۈسەيىن قازى 1900 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەشقەر شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتىنى دىنىي مەكتەپلەردە چىقىرىپ، كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە ئوقۇغان، ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن دادىسىدىن ۋە مۇدەررىسلەردىن ئەدەبىيات، تارىخ بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن، ئۇزاق مۇددەت دىنىي تەشكىلاتلاردا ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىپ، شۇ يەردە 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 30 - يىللاردا باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. ئۇ، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت - ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا <رابىئە - سەئدىن>، <گۈلخۇمار>، <قەمەرسىما>، <مېھرى سەھرا بىلەن چېغاندا باتۇر>، <نۇر ئەبرا خېنىم بىلەن بەختىيار باتۇر> قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك شېئىرىي داستانلارنى يازغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولغان <ۋاقىئەئى كاشىغەر> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ مازىرى ھەققىدىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىقاتچىلارغا تەقدىم قىلىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.