UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەھمەد ھاجىبەگ

ئەھمەد ھاجىبەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شاھرۇخ 1410 - يىلى خانلىق پايتەختىنى ھىراتقا كۆچۈرگەندىن كېيىن، ھىرات تۆمۈرىيىلەر سۇلالىسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 15 - ئەسىردە ھىرات ۋە سەمەرقەندتە ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن سەئدىددىن قەشقەرى، سۇلتان مالىك قەشقەرى، جانىبەگ دولداي، غىياسىدىن باخشى (نەۋائىنىڭ دادىسى)، ئەھمەد ھاجىبەگ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد دولداي، شاھقۇلى قاتارلىق ئەدىبلەر مەشھۇر جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابلىرى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مەجالسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە ئەھمەد ھاجىبەگ ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە، ئۇنى ئۆز زامانىسىدە تەڭدىشى يوق كىشى دەپ تەكىتلەيدۇ. ئەھمەد ھاجىبەگ سۇلتان مالىك قەشقەرىنىڭ ئوغلى بولۇپ، تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ پايتەختلىرى ھىرات ۋە سەمەرقەندلەردە ھاكىم بولغان. ئەلىشىر نەۋائى 1466 - يىلى سەمەرقەندكە كەلگەندە، شۇ يەرنىڭ تونۇلغاندا ھاكىمى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. سەمەرقەنتتە زور ئابرويغا ئىگە بولغان، ئالىم ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلەپ، مەدىرسە ۋە مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھامىيلىق قىلغان ئەھمەد ھاجىبەگ ئەلشىرنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ۋە ياشىشى ئۈچۈن ئوبدان شارائىت تۇغدۇرۇپ بەرگەن، ماددىي جەھەتتىن ياردەمدە بولغان. زەھىرىددىن بابۇرمۇ ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ شائىرلىق تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ كېلىپ: «... خۇشخۇي ۋە مەردانە كىشى ئىدى، تەخەللۇسى «ۋەفائى» ئىدى، دىۋانى بار ئىدى، شېئىرنى يامان ئەمەس يازاتتى» دەيدۇ ۋە شائىر ئەھمەد ھاجىبەگ «ۋەفائى» نىڭ تۆۋەندىكى بېيىتنى مىسال كەلتۈرىدۇ: «مەستەم، ئەي مۇھتەسىب، ئىمرۇز زى مەن دەست بىدار، ئىھتىسابەم بىكۇن ئان روزكى يابى ھوشيار.» (ئەي مۇھتەسىب )دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگۈچى. ( مەستمەن، بۈگۈن مېنى تۇتما، مېنى ئەقلىم كاللامدا بولغان كۈنى سوراق قىل) ئەھمەد ھاجىبەگ (ۋەفائى) نىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي مىراسلىرى تېخى تولۇق تەكشۈرۈلگىنى يوق. شۇڭا، بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەھمەد ھاجىبەگ | UyghurWiki | UyghurWiki