UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىدەلىلقان سۇگۇربايوف

دەلىلقان سۇگۇربايوف

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى دەلىلقان سۇگۇر بايوف 1906 - يىلى قۇبدۇدا چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933 - يىلى ماجۇڭيىڭ قىسمىدىكى ماخەييىڭ قوشۇنى ئالتايدا قىرغىنچىلىق قىلغاندا، ئۇ ماخەييىڭ باندىتلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان. 1937 - يىلى جۇڭگو گوڭچەنداڭنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇلغاندا، دەلىلقان چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياپونغا قارشى ئېلىپ بارغان ۋە ئالتايدىكى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان. 1940 - يىلى 9 - ئايدا دەلىلقان ئالتاي ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان. 1945 - يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، ئاتلىق پولك كاماندىرى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1947 - يىلى مىللىي ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئوسمان باندىتنىڭ ئالتايغا قىلغان ھۇجۇمىنى تامار قىلغان. 1948 - يىلى 8 - ئايدا دەلىلقان «شىنجاڭدا تىنچلىق خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» مەركىزىي تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ، ئالتاينىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي - مائارىپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشتى. دەلىلقان سۇگۇربايوف 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1 - سانلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى