UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھېزىم قاسىم

ھېزىم قاسىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەدەبىي تەنقىدچى ھېزىم قاسىم 1942 - يىلى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملاپ، 1961 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىگەن، 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، شۇنىڭدىن بېرى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر پېنسىيدە. ھىزىم قاسىم ئەدەبىيات ساھەسىگە 1959 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مىلتىقىم> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ بىر قىسىم شېئىر ۋە ھېكايىلارنى يازغان، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە ئوبزور - ماقالىلەرنى يازغان. ھېزىم قاسىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تاڭ شەبنەملىرى> (ماخمۇتجان ئىسلام بىلەن بىللە، 1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <دەرۋازا ئالدىدىكى ئويلار> (1990 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئەدەبىي ئىجادىيەت پرىنسىپلىرى> (1990 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزورلار - ماقالىلەر توپلىمى بار. ھېزىم قاسىم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى