مەرغۇپ ئىسھاقوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەرغۇپ ئىساقوف سوۋېت گىراژدانى بولۇپ، 1923 - يىلى تۇغۇلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە پولك كوماندىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرلغاندىن كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، قوشۇمچە باش شىتاب ناچالنىكى بولىدۇ. 1955 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. 1960 - يىلى تەشكىلنىڭ رۇخسىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، 1991 - يىلى ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.