نىياز دوتەي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نىياز دوتەي (نىياز ھېبىزوللا شەرىپى) 1894 _ يىلى تۇرپان ئاستانە يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئاستانە يېزىسدا مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئائىلدە دۇنياغا كەلگەن . نىياز دوتەي ئۆز يېزسىدا ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان.
ئۇ 1930 _ يىللاردا تۇرپاندا قوزغالغان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قانتاشقۇچىسى بولۇپ، ئىنقىلاب جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيگەندە تۈەنجاڭلىققا كۆتۈرۈلگەن. 1934 _ يىلى قوزغىلاڭچىلار ئاقسۇنى ئىشغال قىلغاندا نىياز تۈەنجاڭ خوجىنىياز ھاجىم تەرىپىدىن ئاقسۇغا ئىشغال قىلغاندا نىياز تۈەنجاڭ خوجىنىياز ھاجىم ئاقسۇدا بولغان مەزگىلدە «قۇراللىق ئىنقىلاب تۈگىدى، جاھان تېنجىدى، مەكتەپ ئاچايلى، بالىلارنى ئوقۇتايلى» دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇدىن باشلاپ پۈتۈن تەرەققىپەرۋەر نىياز دوتەي ۋالى بارلىق ئىش - ھەرىكىتىنى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا سەرپ قىلغان ۋە باشلامچى بولۇپ تۇنجى قىزلار مەكتىپى تەسىس قىلىغان. بۇنىڭ بىلەن قالماستىن ئاتاقلىق ئوقۇتقۇزىلاردىن مەمتىمىن قارى (سوپىزادە)، موسا داموللا قاتالىقلارنى تەكىلىپ قىلىپ، ئاقسۇ مائارىپى تەرەققىياتىغا ئۇل سالغان، شۇڭا ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمنىڭ بارلىققا كېلىشىنى نىياز دوتەينىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
1935 - يىلغا كەلگەندە ئاقسۇ دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا 30 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقان.
نىياز دوتەي 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئاقسۇدا دوتەي بولۇش جەريانىدا خەلق قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. جۈملىدىن خەلق ئۇ تەسس قىلغان مەكتەپكە «مەكتىپى نىيازىيە» دەپ نام بېرىش بىلەن دوتەي ئەمىلىنى ئىسىمغا قوشۇپ قوللانغان. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي نىياز دوتەينى تاشكەنتتە بولغان مەزگىلدە، تاشكەنتتىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي نىياز دوتەينى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچى تۈمىسىگە قامايدۇ. بالىللىرىنى «خائىننىڭ بالىلىرى» دەپ پالايدۇ. شۇ چاغدا نىياز دوتەي بىلەن تۈرمىدە بىللە بولغان ئەسەيدۇللا دېگەن بىر كىشىنىڭ دېيىشىچە نىياز دوتەي شۇ چاغدا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنىكەن.