مەھمۇت مۇھىتى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەھمۇت مۇھىتى 1887 - يىلى تۇرپان ئاستانىدا ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىكى كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقۇغان، كېيىن سودا - تىجارەتكە ئارىلىشىپ ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي، قازان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدە ھەتتا موسكۋا، پېتىر بورگكىچە بېرىپ تىجارەت قىلىغان. ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭى ئىلىم - پەن ئۆگەنگەن ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ياردەمدە بولغان.
1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان خەلقى قوزغالغاندا تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن تۇرپان قوزغىلىڭىغا يېتەكچى بولغان. قوزغىلاڭچىلار تۇرپاندىن ئالتە شەھەر تەرەپكە چېكىنىپ قەشقەردە تۇرغاندا، شېڭ شىسەي قارىمىقىدىكى 6 - شىنىڭ سىجاڭى بولغان. قەشقەردە بولغان مەزگىلدە قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ. دىنى مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ.
1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۇ ۋەزىيەت تەققەزاسى بىلەن بىر قانچە يېقىنلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن. ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىش مەقسىتىدە باي ئاخۇن ئەزىزنى جياڭ جېيشىنىڭ ئالدىغا ئە ۋەتىپ شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۆزىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 1944 - يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ.