زۇنۇن قادىرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە دراماتورگ زۇنۇن قادىرى 1912 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيسىدە شەھەر كەمبەغىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1915 - يىلى ئائلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن، 1919 - يىلىدىن باشلاپ دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان، 1925 - يىلى دادىسى قازا قىلىپ كەتكەچكە، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان؛ 1935 - يىلغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلار تەربىيلەش كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1937 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ دەسلەپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، كېيىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئۈچ يىل ئوقۇغان. ئۇ، 1941 - يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئويۇشما قارىمىقىدىكى سانائىي نەفىسەدە ئىشلەپ، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر، ھەربىي مۇخبىر، سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەت بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە مائارىپ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1945 - يىلدىن تارتىپ ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى - <كۈرەش> تە، شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلىقچىللىقنى ھىمايە قىلىش دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى <ئىتتىپاق> تا ۋە باشقا گېزىت - ژۇرناللاردا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. زۇنۇن قادىرى 1951 - يىلىدىن 1954 - يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1954 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە ئىشلەشكە باشلىغان. زۇنۇن قادىرى 1957 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1959 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە تاشكەنتكە بېرىپ، ئاسىيا - ئافرىقا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان؛ 60 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پالاكەتچىلىككە ئۇچىرىغان؛ 1980 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن پېنسىيگە چىققان. 1989 - يىلى قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان، جەسىتى شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ھەم ھەيكىلى تورغۇزۇلغان.
زۇنۇن قادىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 30 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىرىپ كەلگەن، 1936 - يىلى يېزىلغان <جاھالەتنىڭ جاپاسى> ناملىق دراما ئۇنىڭ جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلغان تۇنجى ئىجادىيەت مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ <غۇنچەم>، <گۈلنىسا>، <ئۇچراشقاندا>، <توي> قاتارلىق درامىلارنى؛ <چىمەن> قاتارلىق شېئىرلارنى، <مۇئەللىمنىڭ خېتى>، <رودىپاي>، <شەپقەت ھەمشىرىسى>، <ماغدۇر كەتكەندە>، <چىنىقىش> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <ئەخمەتجان قاسىمى>، <خاتىرجەم بولغان ئائىلە>، <بەختىخاننىڭ ھاياتى> قاتارلىق ماقالىلەرنى؛ <چۈجە بىلەن سېغىزخان>، <قۇشچى بىلەن چاشقان>، <ئالتۇننىڭ تەسىرىدە> قاتارلىق مەسەل - چۆچەكلەرنى ۋە ھايات يولى ھەققىدە خاتىرىلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك مىراسلرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا توھپىسى، تەسىرى چوڭ يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، <غۇنچەم>، <گۈلنىسا> قاتارلىق درامىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقتا ئاساس سالغان بولسا، <ماغدۇر كەتكەندە> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رېئالىستىك پروزىچىلىقى ئۈچۈن تۇنجى يولنى ئېچىپ بەرگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ <ماغدۇر كەتكەندە>، <چىنىقىش> ھېكايىلىرىدىكى قەلەم ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مەيلى ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە، مەيلى ئۇيغۇر يېزىلىرى، دېھقانلىرىنى ئىپادىلەشتە ياكى پروزىچىلىق سەنئىتى جەھەتتە بولسۇن، بۇ ھېكايىلار ئەدەبىيات تارىخمىزدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان <غېرىب - سەنەم> داستانىنى سەھنىلەشتۈرۈش، كىنو سىنارىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، بۇ جەھەتتىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان. گەرچە ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى، ئورنى ناھايىتى يۇقىرى. زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇتىلىغا، بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان، بىر قانچە پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. زۇنۇن قادىرىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <غۇنجەم> (1956 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق درامىلار توپلىمى، <چېنىقىش> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - ئۇچېرىكلار توپلىمى، <خاتىرىلەر> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى، <مەسەل ۋە چۆچەكلەر> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي مەسەل - شېئىرىي چۆچەكلەر توپلىمى، <غېرىب - سەنەم> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق كىنو سىيارىيىسى ۋە <زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ باشقا تىللادىمۇ مەخسۇس توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
زۇنۇن قادىرى ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.