UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىگەدائى

گەدائى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مەۋلانا گەدائى 15 - ئەسىردىكى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئەلىشىر نەۋائى «مەجالىسۇن نافائىس» ئەسىرىدە: «مەۋلانا گەدائى _ تۈركىيىگويدۇر، بەلكى مەشھۇرلىرىدىندۇر. بابۇر مىرزا زامانىدا شېئىرلىرى شۆھرەت تاپتى. ئانىڭ مەشھۇر مەتلەئلىرىدىن بىرى بۇدۇر: ئاھ كىم دىۋانە كۆڭلۈم مۇپتىلا بولدى يەنە، بۇ كۆڭۈلنىڭ ئىلكىدىن جانغە بەلا بولدى يەنە. مەۋلانانىڭ يېشى توقسەندىن ئاشىپتۇر. بۇ مەتلەئى ھەم ئانىڭدۇر: دىلبەرا، سەنسىز تىرىكلىك بىر بەلائى جان ئىمىش، كىم ئانىڭ دەردى قاشىدە يۈز ئۆلۈم ھەيران ئىمىش.» دېگەنلەرنى يازىدۇ. نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىدىمۇ گەدائىنى سەككاكى، ھەيدەر خارەزمى، ئاتائى، مۇقىمى، يەقىنى، ئەمىرى ئوخشاش تونۇلغان نامايەندىلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. نەۋائى «مەجالسۇن نافائىس» ئەسىرىنى يازغان چېغىدا (ھىجرىيە 896 - يىلى) گەدائىنىڭ يېشى 90 دىن ئاشقان بولسا، ئۇ ھالدا گەدائى ھىجىرىيىنىڭ 806 - يىلى (مىلادىيە 1403 - 1404 - يىللار) توغۇلغان بولىدۇ. گەدائىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يېگانە دىۋانى پارىژ مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىدۇ. دىۋاندىن تاللاپ ئېلىنغان 50 پارچە غەزەل 1961 - يىلى ئىستانبولدا ئېكمان تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. دىۋاننىڭ پارىژ قول يازمىسى ئاساسىدىكى تولۇق نەشرى 1973 - يىلى تاشكەنتتە چىقتى. گەدائىنىڭ غەزەللىرى ئاساسەن تۈركىي تىللىق شائىرلار كۆپ قوللانغان ۋە «تۈركىي» دەپ ئاتالغان سۇرۇد ۋەزىندە (رەمەل مۇسەممەنى مەنسۇر) يېزىلغان بولۇپ، تىلىنىڭ ساددا ۋە راۋانلىقى، سۆز سەنئىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئاھاڭدارلىقى بىلەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن: «ئاي يۈزۈڭ بۇرجى لەتافەتتىن تولۇق ئەتكەن قۇياش، زەررەتەك مېھرىڭغە بولدى كۆكتە سەرگەردان قۇياش. تۈشىدە كۆرمىش ئارەزىڭنى زەھرەن بىر كۈن يەنە، ئانى ئىستەپ كېچەيۇ - كۈندۈز يۈرۈر ھەيران قۇياش.» «ھۆسن ئىزلەپ بىر سېنىڭدەك دىلرابا بولغايمۇ ھېچ، ئىشق ئېلىغە داغى مەندەك مۇبتەلا بولغايمۇ ھېچ.» گەدائى شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىنسان، تەبىئەت گۈزەللىكى، ھايات ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈيلەشكە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يەنە ئۆز دەۋرىدىكى بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ. شائىر ئۆز يۇرتى _ ھىراتنى قىزغىن سۆيگەن. ئۇ غەزەللىرىدە ھىراتنىڭ گۈزەل باغۇ بوستانلىرىنى، جان بېغىشلىغۇچى زىلال سۇلىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۈيلەيدۇ. گەدائى دىۋانىدا غەزەللەردىن تاشقىرى يەنە: «ئەي غەمزەسى فىتنە، كۆزى فەتتان، ئۆزى ئافەت، رەھىم ئەيلە بۇ جانە، فەتم ئولدى ساڭا سەلتەنەتى مۈلكى لەتافەت، ئەي شاھى يېگانە.» دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان بىر مۇستەزاد ۋە 13 بېيتتىن ئىبارەت بىر قەسىدە بار بولۇپ، ئۇ قەسىدىنى تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولغان خەلىل سۇلتانغا بېغىشلىغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
گەدائى | UyghurWiki | UyghurWiki