UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىغەلبە مۇھەممەت

غەلبە مۇھەممەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست غەلبە مۇھەممەت 1956 - يىلى 10 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان، 1975 - يىلدىن 1971 - يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتىدۇ. غەلبە مۇھەممەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1983 - يىلى ئېلان قىلىنغان <قىزىلگۈلنى كىم تاقىشى كېرەك> ناملىق ئوچېركى بىلەن باشلانغان. غەلبە مۇھەممەت شۇنىڭدىن تارتىپ <ئۆمۈر ۋە ياشلىق> قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلارنى، <ئۇ مېنىڭ پەرىشتەم>، <ھاياتتا مۇنداق خەتلەرمۇ يېزىلغان>، <بۇ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس>، <تۇمان باسقان ۋادا> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنى ئېلان قىلىپ، خېلى تەسىر قوزغىغان. غەلبە مۇھەممەتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ھاياتتا مۇنداق خەتلەرمۇ يېزىلغان> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <بۇ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قار ياغقان كېچە> (1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايە - پوۋۋېستىلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا، مەجمۇئەلەرگە كىرگۈزۈلگەن. غەلبە مۇھەممەت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
غەلبە مۇھەممەت | UyghurWiki | UyghurWiki