قىدىرخان يەركەندى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يەكەن خانلىقىنىڭ سۇلتان ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ئۆتكەن شائىر ۋە مۇغەننى قىدىرخان يەركەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر ئىزلار بىزنىڭ دەۋرىمىزگە ناھايىتى ئاز يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بىز بۇ ئىزلارنى پەقەت موللائىسمەتۇللا موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق كىتابىدىن ئۇچرىتىمىز.
قىدىرخان يەركەندى مەلىكە ئاماننىسا بىلەن بىللە «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەشتە، ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ۋە خەلق ئارىسىغا تارقىتىشتا ئۈنۈملۈك خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتتى. ئۇ «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ كونا تېكىستلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى نەۋائى قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل سۆز دۇردانىلىرى بىلەن بېزىدى. شۇنداقلا، «ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ مۇقام «ئون ئىككى مۇقام» تەركىبىگە سىڭىپ كەتتىمۇ ياكى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلمىدىمۇ، بۇ مەسىلە ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
قىدىرخان يەركەندى يەنە ئاتاقلىق شائىر بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ «دىۋان قىدىرى» ناملىق توپلام تۈزۈپ چىققان بولسىمۇ، بۇ توپلام ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بىز بۇ توپلام ھەققىدىكى مالۇماتنى «تەۋراىخى مۇسىقىيۇن» دىن ۋە 1985 يىلى يەكەندىن تېپىلغان بۇ دىۋان ھەققىدىكى بىر قول يازما ماتېرىيالدىن (بۇ قول يازما ماتېرىيال 1986 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «دىۋان قىدىرى» نىڭ مۇقەددىمىسى دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىندى.) ئالىمىز.
قىدىرخان يەركەندى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ۋاپاتىدىن ئىككى يىل كېيىن، 1562 - يىلى ۋاپات بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ «ئون ئىككى مۇقام» ئارقىلىق ئۆزىگە رىكلىگەن مۇنارى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانماقتا.