UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇسۇپقان كۈنباي

نۇسۇپقان كۈنباي

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى جامائەت ئەربابى نۇسۇپقا كۈنباي 1897 - يىلى نىلقا ناھىيىسىنىڭ قارا تۆبىگە قاراشلىق ئوتۇ كەنتىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، يېزا موللىسىدا دىنىي بىلىم ئالىدۇ. 1912 - يىلى كۈنەس ناھىيىسىدىكى شوربۇلاقتا ئېچىلغان، ئېلى قازاق مەدەنىيەت تارىخىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپ بولغان 30 كىگىز ئۆيلۈك مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1916 - 1917 - يىللىرى نۇسۇپقان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سۈيدۈڭدىكى <قازاق - خەنزۇ مەكتەپ> گە كىرىپ ئوقۇيدۇ. ئاز ئۆتمەي 21 ياشلىق نۇسۇپقان سۈيدۈڭدىكى قازاق ئۇيۇشمىسىغا سەر كاتىپلىققا ئورۇنلىشىدۇ. كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋان - سېلىق يىغىش خىزمىتىگە ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر ئالۋان - ياساق، سىنپىي زۇلۇملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خەلقنىڭ ھالىغا ئېچىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. 1933 - يىل جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، شېڭ شىسەي <ئالتە سىياسەت> نى يولغا قويغان ۋاقىتتا نۇسۇپقان يېزا باشلىقى بولىدۇ. ئۇ مۇڭلانغان قازاق دالاسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى - خەلقنى ئىلىم - پەن بىلەن ئويغىتىش دېگەن تونۇشقا كېلىپ، پەننىي مەكتەپ ئېچىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. 1939 - يىلى <جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق> قا قاتنىشىدۇ. 1940 - 1941 - يىللىرى ئۇ <ئالتە سىياسەت> نى تەشۋىق قىلىش، جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن جايلارغا ماڭغان خىزمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىگە بارىدۇ. نۇسۇپقان 1941 - يىلى ئۈرۈمچىدىن نىلقىغا قايتىپ كېلىپ، ئارال رايونىغا باشلىقى بولىدۇ. شۇ يىللاردا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەر بىر قەبىلىدىن ئادەم كۈچۈرۈپ، تارىختىن بېرى شىۋاقلىق بولۇپ كەلگەن قارا تۆپىنى 1943 - يىلى 400 ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشقان ئاۋات يېزىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ يەردە 12 سىنىپلىق، 300 ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپ قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەينى يىللاردا بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى قازاق كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغلاردا بۇ مەكتەپتە ئاتاقلىق دومبىرىچى ئەدىلجاننىڭ يېتەكچىلىكىدە سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، <قالىڭ مال>، <شۇغا> درامىلىرى تۇنجى قېتىم ئوينىلىدۇ، شۇ يىللاردا يەنە قاش دەرياسىدىن ۋادىلارغا سۇ چىقىرىلىپ، قازاقلارنىڭ سۇلۇق دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بارلىققا كېلىدۇ. كۆچەت تىكىش، يول ياساش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنجاردىن قارا تۆپىگىچە بارىدىغان تۇنجى تاش يول ياسىلىدۇ. نىلقىدىن چونجىغا ئۆتىدىغان كۆۋرۈك سېلىنىدۇ. <ئوتۇ>، <تۇتە>، <چەلدى> مەكتەپلىرى كېڭەيتىلىپ، <زېكتى>، <تۈرگىن>، <تۆمۈرلۈك>، <چوڭ بۇلاق>، <كىچىك بۇلاق>، <چونجى> مەكتەپلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلىدۇ ۋە مەكتەپ بار جايدا مەھەللە بەرپا بولىدۇ. بۇ ئىشلارغا نۇسۇپقان تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ. 1944 - يىلى نۇسۇپقان ئۇلاستاي پارتىزانلىرىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، نىلقىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى ناھىيىگە يىغىنغا چاقىرتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ قولغا ئالىدۇ. نىلقا ئازاد قىلىنغاندا نۇسۇپقان تۈرمىدىن چىقىپ، ئىنقىلابچىلارغا ئات - ئۇلاق، ئوزۇق - تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئوتۇ، تۈتە داۋىنىدىن ئېشىپ كېلىۋاتقان گومىنداڭنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتنىشىدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. 2 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئىسھاقبەك گېنېرال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نۇسۇپاقننى مايور ئۇنۋانى بىلەن توققۇز تارا 1 - قازاق ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرلىقىغا بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭ 0120 كىشلىك پولكى 1946 - يىلى فېۋرالدا ئالدىنقى سەپ ماناسقا بېرىپ قانلىق جەڭگە قاتنىشىدۇ. ئون بىر بىتىمدىن كېيىن 1 - قازاق ئاتلىق پولكى <قوبۇق 2 - ئاتلىق پولكى> بولۇپ قۇرۇلغاندا نۇسۇپقان يەنە پولك كوماندىرى بولىدۇ. ئۇ يەنە <شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى> نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. ئوسمان ئالتايدا ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغاندا، نۇسۇپقان ئۆز پولكىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا تاينىپ، باندىتلارنى قەدەممۇ قەدەم چېكىندۈرۈپ، كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيلىرىنى ئازاد قىلىدۇ. 1947 - يىلى نوسۇپقاننىڭ پولكى بىر قانچە كىچىك ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، ئوسمان باندىتلىرى گومىنداڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، نوسۇپقاننىڭ پولكىغا ئاچ بۆرىدەك تاشلىنىپ، ئۇنى خېلى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن نۇسۇپقان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كۈچنى توپلاپ ئۇرۇش قىلىپ، 1948 - يىلى باندىتلارنى تارمار قىلىدۇ ۋە شۇ يىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتاب كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى(ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك) بولۇپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندا، نۇسۇپقان شىنجاڭغا غەلىبە بىلەن كىرگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى قارشى ئېلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە بولىدۇ. 1950 - يىلى شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قايتا رەتلىنىپ، ئۈچ چوڭ ھەربىي رايونغا بۆلۈنگەندە، نۇسۇپقان ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولىدۇ. شۇ يىلى دۆلەت بايرىمىدا ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋجۇشى، جۇدې قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. 1952 - يىلى ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 6 - كورپۇسقا ئۆزگەرتىلەندە، نۇسۇپقان مۇئاۋىن كورپۇس باشلىقى بولىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇ باندىتلارنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش، بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قۇمۇل، بارىكۆل، مورى، جىمسار، چونچى، فۇكاڭ قاتارلىق جايلاردا بولىدۇ. مورىنىڭ بوستان دېگەن يېرىدە نۇسۇپقان ئۆز قىسمىنى باتۇرلارچە ئېلىشپ، 100 دىن ئارتۇق ئاھالىنى قۇتقۇزىدۇ. نۇسۇپقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ تۇرغاندا، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا تۆھپە قوشۇپ، 1954 - يىلى غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرىي رايونىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىككى ئالتۇن مىدالى ۋە غەربى - شىمالنى ئازاد قىلىش ئوردىنىغا ئېرىشىدۇ. 1958 - يىلى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە، موسكۋا، ۋارشاۋالارنى بېسىپ ئۆتۈپ، مەككە مەدىنىنى زىيارەت قىلىدۇ. 1954 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇسۇپقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نۇسۇپقان كۈنباي | UyghurWiki | UyghurWiki