UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەتقاسىم ئابدۇراخمان

مەتقاسىم ئابدۇراخمان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەتقاسىم ئابدۇراخمان 1944 - يىلى 6 - ئايدا كىرىيە ناھىيسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كىرىيە ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1958 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1961 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1983 - يىلى <يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ كېلىپ مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر شۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇلى. مەتقاسىم ئابدۇراخماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1978 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <جۇزۇڭلىنى ئەسلەيمىز> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە كەلگەندىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېكايە يېزىقچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ بىر مۇنچە ھېكايىلارنى ئېلان قىلغان، جۈملىدىن <پال قاپىقىنىڭ سىرى>، <يەتتە يۇمىلىغان سۇ>، <ھازىدارلار>، <ناخشىنىڭ كۈچى>، <بۇ، ئويۇن ئەمەس>، <ئېچىلغان سىر> قاتارلىق ھېكايىلار ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەتقاسىم ئابدۇراخمان يەنە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش جەھەتلەردە بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپ، <قەلەندەر شېئىرلىرى>، <غېرىب - سەنەم> قاتارلىق ئەسەرلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. مەتقاسىم ئابدۇراخماننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <پال قاپىقىنىڭ سىرى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <كانچىنىڭ ئوغلى> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. مەتقاسىم ئابدۇراخمان ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەتقاسىم ئابدۇراخمان | UyghurWiki | UyghurWiki