UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىكى كى قۇرسا ئىچقۇ

كى كى قۇرسا ئىچقۇ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى «ئىدىقۇت قۇجۇ خانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھىم ئەدەبىي - تارىخىي يادىكارلىقى سۈپىتىدە، ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىمىز ۋە خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى. ئۇ، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيىسى گاۋچاڭ يېزىسىنىڭ ئابىدەساي دېگەن يېرىدىن تېپىلىپ، 1933 - يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى تەلىم - تەربىيە سارىيىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىر ۋۇۋېي ناھىيىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئاسراش ئىدارىسىدا ساقلانماقتا. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ كەڭلىكى 173 سانتىمېتر، قېلىنلىقى 47 سانتىمېتر، ئېگىزلىكى 182 سانتىمېتر بولۇپ (بۇ پەقەت ساقلىنىپ قالغان قىسمى) بىر يۈزىگە ئۇيغۇرچە، بىر يۈزىگە خەنزۇچە خەت ئويۇلغان. ئۇيغۇرچە تېكستنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى 61 - كۇپلېتىدىن بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ مىلادىيە 1334 - يىلى، كونىچە ئىت يىلى 10 - ئايدا تىكلەنگەنلىكى، تېكستىنى جامبالىقلىق (ھازىرقى سانجى تەۋەسىدە) كى كى قۇرسا ئىچقۇ دېگەن كىشىنىڭ يازغانلىقى مەلۇم. «ئىدىقۇت قۇجۇ خانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇسلۇبى بويىچە، مىسرالارنىڭ بېشى قاپىيىداش قىلىنىپ يېزىلغان. شۇنداقلا، مىسرالار ئاخىرىدىمۇ قاپىيە مەۋجۇت. ھەر بىر كۇپلېت شېئىر تۆت مىسرادىن قۇرۇلغان بولۇپ، تاشقا ئويۇلغاندا مىسرالار چېكىت بىلەن، كۇپلېتلار غۇجىمەك تۆت چېكىت بىلەن پەرقلەندۈرۈلگەن. كى كى قۇرسا ئىچقۇ تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستىنى بىر ئەدەبىي - تارىخىي تەزكىرە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا قۇبلاي تەختكە چىققاندىن كېيىن، مۇڭغۇل دۆلىتى پارچىلىنىشقا باشلاپ، خانلىقى شەكىللەنگەندىن كېيىن، قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۇرپاننى تاشلاپ گەنسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنكى بىر پۈتۈن تارىخىي جەريانى، يەنى قوچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىدىن بارچۇق ئارت تىگىن خاندىن تارتىپ تايپىنۇ خانغىچە بولغان ئالتە ئەۋلاد ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ شەجەرىسى خاتىرىلەنگەن. كى كى قۇرسا ئىچقۇنىڭ تەرجىمىھالى نامەلۇم. ئۇ يازغان مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن ئۇنىڭ 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىب ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن. «قۇرسا» ئاپتورنىڭ ئىسمى بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن، «كى كى» نىڭ توخارى (توخرى) تىلىدىن كەلگەن بىر خىل دىنىي لەقەم، «ئىچقۇ» نىڭ ئىدىقۇت ئوردىسىدىكى مەلۇم ئىچكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەنسەپ نامى ئىكەنلىكى مەلۇم.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كى كى قۇرسا ئىچقۇ | UyghurWiki | UyghurWiki