UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىجالالدىن بەھرام

جالالدىن بەھرام

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە رەسسام جالالىدىن بەھرام 1942 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1957 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى (ھازىرقى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى) نىڭ رەسىم كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، 1961 - يىلدىن 1981 - يىلغىچە ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ئوقۇتقۇچى، مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1981 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. جالالىدىن بەھرام ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 60 - يىللاردا سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بۇلبۇل بوستاننى تاپتى>، <ھارىۋىكەش>، <500 يۈەنلىك چاقچاق>، <تويدا>، <مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم>، <جەرىمانە>، <ئانا مېھرى> قاتارلىق ئون نەچچە ھېكايە؛ <قاباھەتلىك چۈش>، <ئادەم پارچىسى>، <قامغاق>، <قۇدرەتلىك ئىلاھ>، <قۇملۇقتىكى ئاتەش> قاتارلىق ئون نەچچە پوۋېست، <مېھرىگىياھ> رومانىنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان، بىر قىسىم ئەسەرلىرى خېلى ياخشى تەسىر قوزغىغان. جالالىدىن بەھرامنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بۇلبۇل بوستاننى تاپتى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئايگۈزەل> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <مېھرىگىياھ> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <قامغاق> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <قەبرە بېشىدىكى چۈش> (1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. جالالىدىن بەھرام ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
جالالدىن بەھرام | UyghurWiki | UyghurWiki