UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەت سەئىد ۋاڭ

مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1816 - يىلى جۈنۋاڭلىق مەنسىپىگە ئولتۇرىدۇ. 1819 - يىلى چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يارلىقى بىلەن قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىدۇ. 1819 - يىلى قەشقەردە مەسلىھەتچى ئامبال بىن جىننىڭ قوقان سودىگىرى سالجاننىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىدۇ. قوقەنتكە قېچىپ بېرىۋالغان سامساق خوجىنىڭ ئوغلى جاھانگىر خوجا بىن جىن دېلوسىنى پۇرسەت بىلىپ، قەشقەر چېگراسىغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. خوجىلار ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىدۇ. 1826-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ قەشقەر بەگ ئوردىسىدا توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى