تەلئەت مۇسابايوۋ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تەلئەت مۇسابايوۋ بىر مەزگىل شىنجاڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ۋە چەت ئەلدە سودىدا نام چىقارغان شەخس. ئۇ، 1914 - يىلى غۇلجىدىكى ئاتاقلىق كارخانىچى ھۈسەنباي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجىدا ئوقۇغان. 1927 - يىلى ئىنىسى فىكرەت بىلەن موسكۋا ئىشچىلار ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەكتەپ رەھبەرلىكى تەلئەتنى «سەن بايلار ئەۋلادى ئىكەنسەن، تۈركىيەدە ئوقۇغىن» دەپ چېگرىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئىنىسى فىكرەتنى موسكۋادا ئېلىپ قالغان. ئۇ شۇ يىلى تۈركىيىگە بېرىپ ئىستانبولدىكى گالاتا ساراي (مەكتىپى سۇلتانىيە) نىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئۈچ يىل ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبولدىكى مەلۇم كارخانىدا بىر يىل پراكتىكا قىلغان. شۇ مەزگىلدە رۇس، ئىنگلىز تىلى يېزىقىنى ئۆگەنگەن. كېيىن، موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ بىر يىل مەخسۇس رۇسچە ئوقۇغان. شۇ مەزگىلدە سابىت داموللا بىلەن تونۇشقان.
1933 - يىلى ئۇ موسكۋادىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئاتۇش ئىكىساقتا ھۈسەيىنىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. شۇ يىلى 11 - ئايدا موسكۋادا تونۇشقان سابىت داموللا قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇپ ئۆزى زۇڭتۇڭ بولىدۇ ۋە تەلئەتنى ئۆزىگە كاتىب قىلىدۇ. خىزمەت داۋامىدا، سابىت داموللا بىلەن سوۋېتنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى بىلەن بولغان ئالاقىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدۇ. كېيىن، ئۇ نوبېشى مەكتەپتە ئىلمىي مۇدىر، قەشقەر دارىلمۇئەلىمىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بىر مەزگىل قەشقەر مائارىپ ئىدارىسىگە مۇئاۋىن باشلىق بولىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا، ئۇ ئىنقىلابقا 500 دانە مىلتىق ياردەم بېرىپ پولكوۋنىكلىق ئۇنۋان ئالىدۇ. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنى توققۇزتارا قاتارلىق جايلارغا خىزمەتكە بۇيرۇغاندا، گۇاڭلو (شىبە)، ئىلىياس (خۇيزۇ) لار بىلەن ئۈچ ۋىلايەتتىن يۈز ئۆرۈپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاكىسى ئابلىز مۇسابايوۋ بىلەن بىرلىشىپ 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە ئىچكى ئۆلكە ۋە شىنجاڭ دائىرىسىدە چوڭ سودا قىلىپ شىنجاڭنىڭ چاي، كاجى، شەمبىجە، تاۋار - دۇردۇن، پۇل بازىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالىدۇ. 30 - 40 ئادەم ياللاپ ئۇچۇر ئىگەللەيدۇ. قايسى خىل مال باھاسى ئۆسسە شۇ خىل مالدىن ئاز بىرقىسمىنى بىر قانچە ئون كىشى ئارقىلىق ئەرزان ساتتۇرۇپ باھانى تۆۋەنلىتىپ، ئەرزان باھادا كۆپ مالنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئېرىشىپ «مۇسابايوۋ بۇرادەرلەر شىركىتى» نى قايتا قۇرىدۇ. شاڭخەي، نەنجىن، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋى، جاڭيى قاتارلىق جايلاردا سېتىۋېلىش ۋاكالەتچىسى تۇرغۇزۇپ، ئىچكى ئۆلكىدىن چىقىدىغان مالنى كونتىرول قىلىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت بىلەن گومىنداڭ «11 ماددىلىق بېتىم» تۈزگەندىن كېيىن، تەلئەت ئۈچ ۋىلايەت بىلەن 1949 - يىلىغىچە سودا قىلىدۇ. ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىگە كېتىپ شاڭخەيدىن بىر ئايروپىلاننى ياللاپ بەش بالىسى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ شاڭگاڭ ۋە ياپونىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە كېتىدۇ.
تەلئەت 1986 - يىلى، 1996 - يىلى ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ قايتىپ كېتىدۇ.