UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەخەت ھاشىم

ئەخەت ھاشىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت ھاشىم 1934 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭبويى مەھەللىسىدە خەتتات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1942 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1959 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. ئەخەت ھاشىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1955 - يىلى باشلانغان، 1957 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <نامەلۇم كىشى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن پروزىچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھېكايىچىلىق ئىجادىيىتىگە قىزغىن كىرىشىپ، <ياۋا سادىق> قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى بار رېئال ۋەقەلىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، تۇرمۇش ئاساسى چوڭقۇر، سيۇژىتى قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ھېسىياتى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ھېكايىلىرى بالىلارغا بېغىشلانغان. ئەخەت ھاشىم پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، ئەدەبىياتىمىزدا نىسبەتەن ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلگەن مەسەل - چۆچەك ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بۆدۈنە بىلەن سېغىزخان>، <بەڭۋاش چۈجە - خوراز>، <نەمۇنىچى سايلاش>، <چاشقانلارنىڭ قايغۇسى> قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ، بۇ ساھەنى گۈللەندۈرۈشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە ۋە باشقا كوللېكتىپ توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئەخەت ھاشىمنىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە <ياغاچ قونچاقنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى> قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. ئۇ يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئەخەت ھاشىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست. ئۇ ئۇزاق يىللىق مۇھەررىرلىك ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن، ئاز بولمىغان مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، نەشر قىلىش ئىشلىرىدا زور رول ئوينىغان. ئەخەت ھاشىمنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بۆدۈنە بىلەن سېغىزخان> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق مەسەل - چۆچەكلەر توپلىمى، <باھار مايسىلىرى> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى، <ياۋا سادىق> (1986 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - نەسرلەر توپلىمى، <يالغانچى بىلەن گۇپپاڭچى> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <مەسەللەر> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق مەسەللەر توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئەخەت ھاشىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەخەت ھاشىم | UyghurWiki | UyghurWiki