UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇردى غەرىبى

تۇردى غەرىبى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر تۇردى غەرىبى (خەلق ئۇنى «تۇردى نازىم»، «تۇردۇش ئاخۇن» دەپمۇ ئاتىغان) مىلادى 1802 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تىلسۇزاق يېزىسىدىكى بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۆز يېزىسىدىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇپ خەت - ساۋاتىنى چىقارغان، كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگىنىدە، ئۇ شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق تالانتلىق شائىر ئا. نىزارى بىلەن تونۇشىدۇ. نىزارى بىلەن تونۇشۇش ياش تۇردىنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. ئۇ نىزارىنىڭ ياردىمىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىقتىدارلىق، تالانتلىق بىر ئەدىب بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. شائىر 1840 -، 1841 - يىللىرى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەردە «كىتابى غەرىب» ئەسىرىنى يېزىپ، ئوتتۇزدىن ئوشۇق كەسىپ ۋە ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ بەس - مۇنازىرىسى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنى، ئىچكى زىددىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى ھۈنەرۋەن - كاسىپلارنىڭ خاراكتېر خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ چىقتى. شائىر بۇ ئەسىرىدە تەڭسىزلىك، مۇناپىقلىق ۋە شەخسىي ئاداۋەت، ئىچكى نىزالار ئەۋج ئالغان قاراڭغۇ جەمئىيەت تۈزۈمىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئىلىم - مەرىپەت ۋە شەرىئەت يولى بىلەن جەمئىيەتنى توغرا يولغا سېلىش مەيدانىدا تۇرغان بىر ئىسلاھاتچى، جەمئىيەتشۇناس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 1841 - يىلى نىزارى، زىيائىلار تۇرپانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي غەرىبىمۇ تۇرپانغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە نىزارى، زىيائىلار قولغا ئالغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى زور ھەجىملىك داستانلار سىكىلىنى تۈزۈش ئىشىغا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ توپلامغا ئۆزىنىڭ نەۋائى ئىزىدىن مېڭىپ ياراتقان يىرىك ئەسىرى _ «شاھ بەھرام» داستانىنى كىرگۈزىدۇ. شائىر غەرىبىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى لىرىك غەزەللەر يېزىش بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن غەزەللىرى ئاساسەن ئىشق - مۇھەببەت تېمىسىدا بولۇپ، شائىر بۇ غەزەللىرىدە مۇھەببەت دەردىدە، ھىجران ئوتىدا يۈرىكى جاراھەتلەنگەن بىر لىرىك قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا گەۋدىلەندۈرىدۇ. شائىر غەزەللىرىدە يەنە زاھىدلىق تەلىماتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەنقىد قىلىپ، زاھىدلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئۇ زاھىدلارنى ئىنسانىي مۇھەببەت _ ئىشقنى بىلمەيدىغانلار قاتارىدا ھېسابلىدى: مۇھەببەت لەززىتىدىن بىخەۋەردۇر زاھىد غاپىل، غەرىبى دەردى ئىشقنى ئىشقى بارلادىن سورا. شائىر تۇردى غەرىبى 1862 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تۇردى غەرىبى | UyghurWiki | UyghurWiki