UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھامۇتخان ئەخمەت

ھامۇتخان ئەخمەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ھامۇتخان ئەخمەت 1897 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇمۇلدا قول ھۈنەرۋەن دىنىي زات ئاخۇن (موزدۇز) ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە دىنىي بىلىم ئالىدۇ، كېيىن كەسىپ ئۆگىنىپ قۇمۇلدا موزدۇزلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى روناق تېپىپ، شاگىرت ۋە ياللىغان نىمكارلىرى بىلەن ئون نەچچە كىشىگە يېتىپ موزدۇزلۇق كارخانىسى ئاچىدۇ. 1928 - يىلدىن 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر شۇ يىللاردا خادىملىرىنى ھاشىم ھاجى، قاسىم ئەپەندى (قازاق)، مەنسۇر ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىدار بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدە، دۆڭكۆۋرۈك تۇڭگان مەسچىتىنىڭ ئۇدۇلىدا يەر - زېمىن سېتىۋېلىپ تىجارەت قىلىدۇ ۋە بۇرھان شەھىدى بىلەن تونۇشىدۇ. 1932 - يىلىنىڭ بېشىدا تىجارەت بىلەن كۇچاغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. 1933 - يىلى 1 - ئايدا تۆمۈر ئېلى كۇچارغا ئەسكەر باشلاپ كىرىش ئالدىدا، ھامۇتخان كۇچالىق ئىلغار كىشىلەردىن ھەمدەمبەگ ھاجى، ئەخمەتخان، ئابۇللا خوجا (ئابلا تۇەنجاڭ)، ئابدۇقادىر ئاخۇن، ئابدۇرۇسۇل ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۇچا خەلق ۋەكىلى بولۇپ، تۆمۈر ئېلىنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىپ چىقىدۇ.1933 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۆمۈر ئېلى كۇچانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تۆمۈر ئېلى ھامۇتخان بىلەن ئەخمەتخاننى ليەنجاڭ، ھەمدەم بېگى ھاجىنى ئۆزىگە مۇشاۋىر قىلىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئاقسۇنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھامۇتخان ئېلى تۇەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھامۇتخان تۆمۈر ئېلى ئېلىپ بارغان ئېلى قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن، ھامۇتخان لۈيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. 1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۆمۈر ئېلى قەشقەردە ماجەنساڭ قىسىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھامۇتخان مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنىدا بولىدۇ. كېيىن خوجىنىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھامۇتجان شېڭ شىسەي تەرىپىدىن چۆچەككە ھاكىم قىلىپ بەلگىلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي نارازىلىقى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىدۇ، 1944 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا موزدۇزلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1949 - يىلى 1 - ئايدا بۇرھان شەھىدى ئۆلكىگە رەئىس بولغاندىن كېيىن، بۇرھان شەھىدىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1950 - يىلى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىلغار پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قۇمۇل ۋىلايىتىگە مۇئاۋىن ۋالىي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. ئۇ قېرىلىق ۋە كېسەل سەۋەبى بىلەن 1979 - يىلى 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھامۇتخان ئەخمەت | UyghurWiki | UyghurWiki