ئابلىمىت ھاجىيوۋ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىمىت ھاجىيوۋ 1917 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭنىڭ ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىلى 9 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىبى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. 1950 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك يېڭى پارتىيىسىگە كىرگەن. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى؛ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 4 - ئىشخانىسىنىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مالىيە - سودا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى مالىيە - سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەسلىھەتچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 1 -، 2 -، 3 -، نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2 -، 3 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1984 - يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3 - نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1991 - يىلى تەستىق ئارقىلىق دەم ئېلىشقا چىققان.
ئۇ 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.