تۇرسۇن نىياز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست تۇرسۇن نىياز 1940 - يىلى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ غولتۇغراق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1957 - يىلغىچە پەيزىۋات ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1957 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1965 - يىلغىچە پەيزىۋات ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1965 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. تۇرسۇن نىياز 1984 - يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرسۇن نىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <قەھرىمانلار قەبرىسىنى يادلاپ> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاساسلىق زېھنىي كۈچنى شېئىر ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، <10 يىلغا خىتاب>، <يىلتىزىمىزنىڭ چىڭ>، <ياشلىقىمدا يېزىلمىغان شېئىرلار>، <سۆيگۈ غەزەللىرى>، <نوچىلىقمۇ، نادانلىق؟>، <ئەقىدە>، <بارچۇق تەسىراتلىرى> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە لىرىك شېئىر، باللادا - داستان؛ <ياۋاشاخنىڭ تەقدىرى> قاتارلىق مەسەللەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.
تۇرسۇن نىياز شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېكايىچىلىق ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، ھازىرغىچە <ئۈمىد شامى ئۆچكەندە>، <كۆڭۈل>، <ئەينەك ئالدىدا>، <ئىبرەت>، <قوش قەترە>، <رەستىدە> قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايىلارنى يېزىپ، بۇ جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. ئۇ يەنە <يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئادەتلىرى>، <مەشھۇر تارىخىي شەخسلىرىمىز ھەققىدە ئەسلىمىلەر> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە <100 ھېكايە>، <سامانيولى> قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان.
تۇرسۇن نىيازنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئاچا - سېڭىل> (مۇھەممەتئېلى زۇنۇن بىلەن بىرلىكتە، 1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئۇزۇن سەپەر ناخشىلىرى> (مۇختەر خېلىل بىلەن بىللە، 1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <سالام، يۇلتۇزلار> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە <سۇدىن چىققان پەرىزات> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار، بىر مۇنچە ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
تۇرسۇن نىياز ھازىر كادىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.