UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقۇتلۇق ھاجى شەۋقى

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق مەتبۇئاتچى ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ 1876 - يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى مەلۇماتىنى قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئالغاندىن كېيىن، 1908 - يىللىرىدىن باشلاپ قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلفۇنۇنىدا، ئىستانبولدىكى ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدا ۋە خارا مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئىستانبولدىن قەشقەرگە قايتىشىدا«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ 1917 - 1919 - يىللىرى تۈركىيىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدە مۇئەللىم رىپئەت تەرىپىدىن نەشر قىلىغان نۇسىخىنى ئېلىپ كېلىپ، مەمتىلى (تەۋپىق)ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە چەت ئەللەردىكى سەپىرى جەريانىدا كۆرگەن ھەرخىل ئەھۋاللار، ئوقۇش ھاياتىدىكى تەسىرتلار قوشۇلۇپ، ياش قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئىدىيىسىدە تەرەققىپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. سىنىپى ۋە مىللىي زۇلۇم ئاستىدا ئەل - يۇرتنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق كىشەنلىرىگە چىرمالغان خەلقنىڭ داد - پەريادى ئۇنىڭدا غەپلەت ئاستىدا قالغان خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، «شەۋقى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر ۋە ماقالىلارنى يېزىشقا باشلايدۇ. ئىلىم - مەرىپەتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغىتىشىنىڭ ياخشى قورالى دەپ ھېسابلىغان شائىرى 1933 - يىلىدىن باشلاپ «ئەركىن ھايات» ناملىق گېزىت نەشر قىلىپ، ئىلغار تەشۋىقاتچىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. گەرچە بۇ گېزىت يۇرتتىكى توپىلاڭ ۋە ئاغدۇرۇمىچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن 1934 - يىلى 23 - ئاۋغۇستىن باشلاپ، «يېڭى ھايات» نامى بىلەن چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا ھەرخىل سىياسىي - ئىجتىمائىي مەزمۇندىكى ماقالىلار، يەرلىك خەۋەرلەر، خەلقئارا خەۋەرلەر ۋە ئەدىبىي ئەسەرلەر، تارىخىي ماقالىلار بېسىلىش بىلەن تىراژى شۇ دەۋردىكى يۇقىرى چەككە يەتكەنىدى. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى «يېڭى ھايات» گېزىتى چىقىرىش جەريانىدا تارىخي ئەسەر «ۋاقىئى قەشقەر» ناملىق كىتابىنى يېزىپ قالدۇردى. 1937 - يىلى قولغا ئېلىنىپ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە 61 يېشىدا پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى