UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئېزىز ساۋۇت

ئېزىز ساۋۇت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئېزىز ساۋۇت 1943 - يىل 7 - ئايدا ئاقسۇ ناھىيە بازىرىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە ئاقسۇدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇ ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيلىرىدە دېھقانچىلىق تېخنىكى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن 1995 - يىلغىچە <ئاقسۇ ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. ئېزىز ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى ئېلان قىلىنغان <ياردەم> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ <تۇنجى سەپەر>، <مۇھەببەت ناخشىسى>، <ياق، ئۇ پاك قىز>، <خانتەڭرى قىزى>، <مېدالىئون> قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە - پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، يەنە بەزىلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئېزىز ساۋۇت يەنە <دىۋان قارى>، <ئەمىرتېمۇر كوراگان ھەققىدە قىسسە> قاتارلىق بىر تۈركۈم كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان. ئېزىز ساۋۇتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <مۇھەببەت ناخشىسى> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <كونا - يېڭى ئىشلار> (مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن بىللە، 1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <گۈزەللىك يۇلتۇزى> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <مېدالىئون> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئالتۇن يەردە قالمايدۇ> (1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بار. ئېزىز ساۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى