UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرغان شاۋدۇن

تۇرغان شاۋدۇن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر تۇرغان شاۋدۇن 1904 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1957 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىگە تەقىسىم قىلىنغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۇرغان شاۋدۇن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 - يىلى ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن بېرى شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بىز ۋە مەن>، <ۋەتەنگە مۇھەببەت>، <ياشلىق>، <تەلپۈنىمىز بېيجىڭغا> قاتارلىق 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، <گۈلسۈم> قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇ داستان - باللادا، 150 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <تاشۋاي>، <ئۈجمە سايىسى> قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ، خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۇرغان شاۋدۇن پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئائىلە بەرىكىتى>، <كىم ئەيىبلىك>، <ئاھ، يىللار>، <غەلىتە ئوغرى>، <چېتىشلىق ئىشلار>، <تۇرمۇش سەھنىسىدە>، <شىپا تاپماس كېسەل> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <تۇغماس> ناملىق پوۋېستىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە <ناخشا تېكىستىدىكى ئاساسلىق ئامىللار> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان ھەمدە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئىلمىي ئەسەر <مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە> نى يېزىپ تاماملىغان. ئۇ، بىر قانچە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ناخشىلار توپلاملىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىرى ۋە كومپوزىتورلىرى نىسبەتەن سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان <تەڭرىتاغ كۈيچىلىرى> ناملىق كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. تۇرغان شاۋدۇننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەدەبىي ئەسەرلىردىن <ھايات دولقۇنلىرى> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سازەندە ناخشىسى> (1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئىختىرا ھەۋىسى باشلىنار شۇنداق> (1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <قەرز قالغان توي> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايلار توپلىمى، <شاھ ۋە غۇلام> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىر - داستانلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان. تۇرغان شاۋدۇن ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى