UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىفادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن

فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن 1913 - يىلى روسىيىدە تۇغۇلىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، كەڭساي ئەرتەي قاتناش يېكىتىنىڭ ئىنژېنېرى بولىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە كەڭساي پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، تەلكە ئېغىزىدا دۈشمەننى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مىللىي ئارمىيە كەڭساي ئاتلىق پولك كوماندىرى، برىگادا كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1949 - يىلى 8 - ئايدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسھاقبېك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ماڭغاندا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇۋەپپەقەت باش قوماندانى بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇسىنىڭ كوماندىرى، ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانى بولىدۇ. 1953 - يىلى 7 - ئايدا تەشكىلنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، 1970 - يىلى ئالمۇتىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن | UyghurWiki | UyghurWiki