پرتانراكشىت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
پرتانراكشىت توخرى تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئەسەر تەرجىمە قىلغان ئۆز زامانىسىنىڭ تەرجىمانلىرى ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ساقلىنىپ قالغان چوڭ ھەجىملىك تەرجىمە ئەسىرى «مايترى سىمىت» ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە توخرى تىلى سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، تەرجىمە ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدىغان تالانتلىق ئەدەبىي تەرجىماندۇر.
ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى چوڭ ھەجىملىك تەرجىمە ئەسىرى _ «مايترى سىمىت» نىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ئارخېلوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن تۇرپاننىڭ مۇرتۇق، سڭگىم ئېغىزى قاتارلىق جايلىرىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن. گابايىننىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىن ئالتىسى بارلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىرقەدەر تولۇق نۇسخىسىنى 1959 - يىلى 4 - ئايدا قۇمۇللۇق ئۇيغۇر چارۋىچى يەھيا رەھىم قۇمۇل تۆمۈرتىنىڭ «كىچىك داۋان» دەپ ئاتىلىدىغان قارىغايلىق ئىدىرىدىن تېپىۋالغان. ھازىر بۇ نۇسخا (586 بەت) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
«مايترى سىمىت» بۇددا دىنى مەزمۇنىدىكى 27 پەردىلىك سەھنە ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئومۇمەن بۇددا دىنى مۇرتلىرىنىڭ نەزەرىدە كەلگۈسىدە مەيدانغا چىقىدىغان قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ (قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا: كىن كەلتەچى مايترى بۇرخان _ دېيىلىدۇ) مايترىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
بۇ ئەسەرنىڭ قۇمۇل نۇسخىسىنىڭ 1 -، 3 -، 10 -، 12 -، 16 -، 20 -، 23 -، ۋە 25 - بۆلۈملىرىنىڭ (پەردىلىرىنىڭ) ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى بەتلىرىدە، ئۇنىڭ قايسى تىللاردىن ۋە كىملەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرىلەر يېزىلغان. مەسىلەن، 3 - بۆلۈمنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلىدۇ:
«بارلىق شاستىرلارنى پىششىق ئىگىلىگەن ۋە تەتقىق قىلغان، ۋايباش شاسترنى ئۆگەنگەن ئارياچىنتىرى بۇدساتۋا ئۇستاز ئەنەتكەك تىلىدىن (سانسكىرىت تىلىدىن) توخرى تىلىچە ياراتقان (ئىجاد قىلغان)، پرتانراكشىت كرماۋاژىك توخرى تىلىدىن تۈرك تىلىغا (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا) تەرجىمە قىلغان مايترى سىمىت نوم پۈتۈكتە ئانىرۇتى ئارخانتىنىڭ ئاۋدانى (تەمسىلى) ئاتلىق ئۈچىنچى بۆلۈم تۈگىدى.»
پرتانراكشىت كرماۋاژىك تەرجىماننىڭ دىنىي نامى ياكى تەخەللۇسى بولۇپ، سانسكىرىتچە (Prajnaraksita kramavasika) دىن كەلگەن. «پرتانراكشت» _ «ئەقىللىق ئەۋلىيا» دېگەن مەنىدە، «مايترى سىمىت» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى ھەققىدە تېخى تولۇق بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. لېكىن 8 -، 9 - ئەسىرلەر ئارىلىقىدا تەرجىمە قىلىنغان دېگەن كۆز قاراشتىكىلەر نىسبەتەن كۆپ.
«مايترى سىمىت» نىڭ قۇمۇل نۇسخىسى گەرچە گېرمانىيىلىكلەرنىڭ قولىدىكى نۇسخىلارغا قارىغاندا بىرقەدەر تولۇقراق ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا مۇكەممەل تولۇق ساقلانغان نۇسخا بولمىغاچقا، ئۇنىڭدا پرتانراكشىتنىڭ يۇرتىنىڭ نامى ئۇچرىمىدى. لېكىن گېرمانىيىلىكلەرنىڭ قولىدىكى نۇسخىلاردا ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ il _ balik ئىكەنلىكى يېزىلغان. شۇنىڭغا ئاساسەن، گابايىن پرتانراكشىتنى ئىلى رايونىدا تۇغۇلغان دەپ ھېسابلايدۇ. خامىلتون el _ balik il _ balil دەپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى قۇجۇ (تۇرپان) نىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولسا كېرەك، دەپ قارايدۇ.
1980 - يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ مۇزېيىدىكى ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقېييۇم خوجا، دولقۇن قەمبىرى قاتارلىق تەتقىقاتچى خادىملار «مايترى سىمىت» نىڭ قۇمۇل نۇسخىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە ئەسەرنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان نۇقتىلىق تەتقىقات نەتىجىسى _ «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <مايترى سىمىت>» 1987 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. يۇقىرىقى تەتقىقات خادىملىرى ئۆز تەتقىقاتىدا «مايترى سىمىت» نى 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.