ناسۇھا ئىمىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ناسۇھا ئىمىن 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى.
ناسۇھا 1888 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، يەتتە يېشىدا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، چوڭ دادىسى ئېدىمىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان.
ئۆتكۈر ۋە زېرەك ناسۇھا كىچىكىدىنلا بىلىم ئېلىشقا ئىنتايىن قىزىققان. ئۇ توققۇز يېشىدىن 17 يېشىقىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقوغان. ئۇنىڭ نەۋائى، ھۇۋەيدا، شامەشرەپلەرنىڭ شېئىرلىرىنى خۇش ئاۋاز بىلەن يادقا ئوقوغانلىقىنى كۆرگەن جامائەتچىلىك ئۇنى «بوۋاق قارق»، «بالا ھاپىز» دەپ ئاتاشقان.
1906 - يىلى چوڭ دادىسىنىڭ ياردىمى ۋە يۈرت چوڭلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 17 ياشلىق ناسۇھا مىسىرغا بېرىپ، قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلئۇلۇمدا ئون يىلغا يېقىن ئوقويدۇ ۋە مەكتەپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىسىر ھەم بۇخارادا مۇدەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىدۇ، لېكىن ناسۇھا ئۆز خەلقىنى مەرىپەتلىك قىلىش ئىستىكى بىلەن 1915 - يىلى غۇلجىغا قايىتىپ كېلىدۇ. ئۇ شۇ چاغدىكى مەھكىمە شەرئىيدە ئەلىماخۇن، قازى، مۇپتىلار ئالدىدا ئىمتىھان بەرگەندە، ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ئەلاباي مەسچىتىگە خاتىپلىققا تەيىنلىنىدۇ. خاتىپلىق قىلىش جەريانىدا خەلققە ئىلىم - پەن، مەرىپەت ئۆگىتىش، خەلقنى نادانلىق، غەپلەتتىن ئويغىتىش، باشقا ئەللەرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇ چاغدىك يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن مەسچىت يېنىدا مەكتەپ ئېچىپ بالىلارغا پەنىنى بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ.
ناسۇھا ئىمىننىڭ قولىدا ئوقوغانلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئوقوغۇچىلارغا دەرستىن تاشقىرى يەنە مارش ئۆگەتكەن، گىمناستىكا ئويناتقان. ناسۇھانىڭ تەشۋىق - تەرغىپى ۋە يېڭى مەدەنىيەت - ئاقارتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇ چاغدىكى خۇراپىي، مۇتەئەسسىپ ئۆلىما، قازى، مۇپتىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. شۇڭا ئۇلار «دىنىمىزنى بۇزدى»، «خەلقنى غەيرىي يولغا باشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ»، «جەدىتچە مەكتەپ ئاچتى»، «كالت قۇيرۇق» دېگەندەك بەدناملار بىلەن ناسۇھا ئۈستىدىن مەھكىمە شەرىئىيگە ئەرز قىلىدۇ. شائىر بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ناسۇھا ئۆزۈڭنى خۇش تۇتقىل،
مەرىپەتتىن ھەرگىز قاچمىغىل.
ئەگەر بۇ يولغا ئاسان دېسەك ئاسان،
زادى مۈشكۈل دېسەڭ مۈشكۈل.»
ناسۇھا مەھكىمە شەرئىيدە كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى مات قىلىدۇ. لېكىن مەھكىمە شەرئىيدىكى ئەلەم يولسىزلىق بىلەن ناسۇھانىڭ ۋەز - نەسىھەت قىلىشىنى مەنئى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ناسۇھا خاتىپلىقتىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇ كېيىن بۇ ھەقتە:
«داد - پەرياد، دەپ يىغلىسام كىمگە يېتەر دادىم مېنىڭ،
كىم ئىشتىكەي بۇ زاماندا ئاھۇ - پەريادىم مېنىڭ.
بېرىپ كىملەرگە ئېيتاي داد دەپ يىغلاپ مەن خەستە،
يۈرەك دېغى دەردىمنى دەردىمنى تۈگىمەس مىسلى كان قىلدىڭ.»
دەپ ئۇزۇن بىر شېئىر يازىدۇ.
ناسۇھا كۆپ ئۆتمەي كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. كېيىن جاغىستايدىكى بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ناسۇھا بىر يىلدىن كېيىن يەنە غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن شەھەردىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن تارقاتقان پىتنە - ئىغۋالىرىغا چىدىيالمىغان ناسۇھا چايچالدىكى «خۇنخاي مازار» غا كېتىدۇ. ئۇ بۇ يەردىمۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ئىلىم تەھسىلى ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ناسۇھا «خۇنخاي مازار» غا بارغان دەسلەپكى كۈنلىرىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يازىدۇ:
«خۇنخاي مازارىغا مەن زار ئىدىم،
كىم زىيارەت ئەيلىسە مەن يار ئىدىم.
ئەھلى ئىلىم، ئەھلى پەزىل، ئەھلى ئاشىق،
قىلسا مەۋلانە سۆزۈم مەن جار ئىدىم.
يۈسۈپ سەككاكى قىزىل گۈل بولسا،
مەن بۇلبۇلى شەيدا ئىدىم.
مىڭ ئۈچيۈز قىرىق سىنە بولىدى نەسىپ،
تالىبان بىرلە كېلىپ بىمار ئىدىم.
ھەقىقەتەن ئىزلىگەچكە بۇ ئالەمدە،
مەن ناسۇھا قۇللار ئىچىدە خار ئىدىم.»
ئۆز ئارزۇ - ئىستەكلىرى چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەنلا قالماستىن، يەنە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋالىرىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغىنىغا يۈرىكى قاتتىق سىقلىغان ناسۇھا 1928 - يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقان چېغىدا، ئۆزىنىڭ «قالدى» ناملىق شېئىرىنى يازىدۇ. (شېئىرنىڭ تولۇق تېكىستى «تارىم» ژۇرنىلى 1987 - يىل 12 - سانىنىڭ 140 - بېتىدە بېرىلگەن.)
خەلق بىلەن ھەمنەپەس، مەرىپەتپەرۋەر شائىرنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى خەلق ياخشى كۆرۈپ يادلاپ، خاتىرىلىۋېلىشقان، بەزى شېئىرلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتشقانىدى، تۆۋەندە شائىرنىڭ غۇلجا دۆڭمازاردىكى سەيدەخمەت ئەپەندى خاتىرىلەپ ئالغان بىر شېئىرىدىن بىر قانچە كۇپلېتىنى كىتابلارغا سۇنماقچىمىز:
«ئەي دېھقىنىم، يۇرچۇلدۇڭ،
ئۆشۈرە تۆلەپ، دەن تۆلەپ.
بىرىسى راۋا شەرىئەت،
ئىككى تۆلەش ئۆزگىرەك.
نەپسى ئۈچۈن ئىماننى،
ساتتى موللام ھەسسىلەپ.
ئاڭلاپ تۇرۇپ ھالىڭغا،
بولالمىدىم يار - يۆلەك.
ئۇھ، دېگۈچە بىر دېھقان،
يەتتى يەتمىش شاپالەك.
كۈرە - قاداق كۆتۈرگەن،
يايى - دوغىدىن بۆلەك.
قىلىچ ئاسقان ياساۋۇل،
كىرىپ كەلدى بىر گېزەك.
باڭ - باڭزىسى قولىدا،
لوزۇڭ كەپتۇ سەيسىلەپ.
ئامبال - دارىن ئالدىدا،
خوجام خۇددى چاقپەلەك.
تويۇپ ئۆتمەي نائىنساپ،
بىرنى يالاپ، بىرنى يەپ . . .»
شائىر ناسۇھا 1955 - يىلى چەت ئەلدە ۋاپات بولدى. 1981 - يىلدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ئۈستىدە بىر قاتار ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەلق ئاغزىدىن ۋە قول يازمىلاردىن خاتىرىلىۋېلىندى ھەمدە بىر قانچە شېئىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى (شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە دائىر مەلۇمات ھەمدە بىر قىسىم ئەسەرلىرى دەسلەپ «ئىلى گېزىتى» نىڭ 1982 - يىل 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.) ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شائىرنىڭ ئۆزى رەتلەپ چىققان بىر قول يازما دىۋانىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ساقلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.