يەقىنى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر يەقىنى ئۆزىنىڭ «ئوق ۋە يا مۇنازىرىسى» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق 15 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىر ئۈلگىسىنى ياراتتى.
ئەسەردە بىر نەچچە ماھىر ئوق - ياچى يىگىتلەر شەھەرنىڭ بىر چېتىگە چىقىپ بەزمە قۇرىدۇ. شۇ زامان تۈركىستاندىن كەلگەن ئىككى ناتونۇش كىشى پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى قەددى ئېگىلگەن چال _ يا، ئىككىنچىسى قەددى راۋۋۇرۇس، چىرايلىق يىگىت _ ئوق. يىگىتلەر ھۆرمەت يۈزىسىدىن قېرىغا ئوڭ تەرەپتىن، ياشقا سول تەرەپتىن جاي كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن، يىگىت ھېچ ئەيمەنمەستىنلا ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرۇۋالىدۇ. چالغا بۇ قاتتىق ئەلەم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە باشلىنىدۇ. چال ئوقنى ئۇنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن قاچقۇن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرۇشنى دەۋا قىلغانلىقتا ئەيىبلەيدۇ.
يەقىنى مۇنازىرىسىدە چال - يا ۋە يىگىت - ئوقنىڭ تىلى ئارقىلىق بارلاس قەبىلىسىگە تەۋە تۆمۈرىيىلەرنىڭ چوڭ يەر ئىگىلىرى _ تارخانلار بىلەن بىرلىشىپ ئاددىي خەلق ئۈستىدىن قىلغان جەبر - زۇلۇملىرىنى، ھەقىقەتنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ خەلقنى ئالدىغانلىقلىرىنى پاش قىلىدۇ. تۆمۈرىيىلەرنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرى ھەققىدە مۇنازىرىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ:
«بۇ مۇنازىرىدىن مەقسەت ئولكىم، بۇ دەۋرنىڭ كاج تەئبلەرنىڭ قاشنىدا ھەر كىم يادەك ئەگرى بولسا، يانلىرىدىن يىراق بولماس ۋە ھەركىم ئوقتەك راست بولۇپ تۈز يۈرسە، يەقىندەك يىراق تۈشەر»
بۇنىڭدىن خەلقپەرۋەر، ھەققانىيەت تەرەپدارى بولغان شائىر يەقىنىنىڭ زوراۋانلارنىڭ جەبر - زۇلمى، زوراۋانلىقى، ئىككى يۈزلىمىلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ پىكرىچە، كىم ئەگرى، ۋىجدانسىز بولسا، ئۇ ھۆرمەت - ئىززەتكە ئىگە بولىدۇ. كىم توغرا، ۋىجدان ئىگىسى بولسا، ئادالەتسىز جەمئىيەتتە ئۇنىڭغا ئورۇن يوق.
قىسسىدىكى ئەگرى يا _ تۆمۈرىيىلەر، تارخانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايەتچىلىرى ھەمدە ئۇرۇشلاردا قولغا كىرگۈزۈۋالغان بايلىقلار ھېسابىغا بېيىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوق - ئۇرۇشنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرىنى تارتقان، لېكىن، ئاخىرقى ھېسابتا ھېچنىمىگە ئىگە بولالمىغان ھوقۇقسىز ئاددىي خەلقنىڭ سىمۋولى.
«ئوق ۋە يا مۇنازىرىسى» ئەسىرى شۇ دەۋردە يارىتىلغان مۇنازىرە شەكىلدىكى ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا تىلىنىڭ ساددىلىقى، ھازىر جاۋابلىقى ۋە بەدىئىي شەكلىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. مۇئەللىپنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ مۇنازىرە تامامەن يېڭى مەزمۇن، يېڭى ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەردۇر.
ئاپتورنىڭ ئوق ۋە يا تېمىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەدىمكى داستانى «ئوغۇزنامە» دىن ئالغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. «ئوغۇزنامە» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان قول يازمىسىدا ئوق ۋە يا ھەققىدىكى ئېپىزوت ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەقىنىگىچە بولغان يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدە بىز ئوق ۋە يا ماتېرىيال قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئۇچراتمايمىز. يەقىنى ياشىغان دەۋردە (15 - ئەسىر) «ئوغۇزنامە» ئېپوسى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا ئىنتايىن كەڭرى تارقالغان ۋە نۇرغۇن ئەدىبلەر، تارىخشۇناسلار «ئوغۇزنامە» نى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ماتېرىيال ئالغانىدى.
يەقىنىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بىزگە پەقەت ئۇنىڭ 15 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلىكىلا مەلۇم. «ئوق ۋە يا مۇنازىرىسى» نىڭ 16 - ئەسىردە كەچۈرۈلگەن بىردىنبىر قول يازما نۇسخىسى ھازىر لوندوندىكى ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.