UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتېيىپجان ئېلىيوپ

تېيىپجان ئېلىيوپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى تېيىپجان ئېلىيوپ 1930 - يىل 4 - ئايدا ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيسىدە مەرىپەتپەرۋەر ۋە دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتىنى ئائىلىدە چىقىرىپ، 1938 - يىلدىن 1948 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان، 1948 - يىلى غۇلجىغا كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئارمىيە ئورگىنىدا <ئالغا> گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1950 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1955 - يىلغىچە ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 1955 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات - سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. تېيىپجان ئېلىيوپ 1959 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سولچىل ئىدىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ ئەمگەككە سېلىنغان، كېيىن ئاقلىنىپ يەنە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن، 1963 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. تېيىپجان ئېلىيوپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ بىر مەزگىل گۇچۇڭغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1973 - يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، 1979 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىدا ۋە 1985 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان ھەم 1985 - يىلدىن تارتىپ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ، 1980 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. تېيىپجان ئېلىيوپ 1989 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. تېيىپجان ئېلىيوپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبياتىدىكى داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، 1946 - يىل ئېلان قىلىنغان <جەڭچى ئاكامغا> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە رەسمىي كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 40 نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا مىڭدىن ئارتۇق شېئىر يازغان. ئۇنىڭ <كۈت مېنى>، <تاڭمۇ يېقىن>، <ۋالاقتەككۇرۇپنىڭ ئۆلۈمى>، <تۈگىمەس ناخشا>، <يوللۇق ئالما>، <ۋەتەن ھەققىدە غەزەل>، <زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار>، <مۇقام>، <يىغلىما>، <مەيلىمۇ> قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە بولۇپ قالغان. ئۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى، ئادىمىي پەزىلەتنى، رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى، خەلقچىللىقنى، ئىلىم - مەرىپەتنى شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرى قىلغان، بەدىئىي جەھەتتىمۇ ناھايتى يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان. تېيىپجان ئېلىيوپ شېئىر ئىجادىيىتىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ساھەلەردىمۇ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنپ، بىر قانچە پارچە ھېكايە ئېلان قىلغان؛ ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى، ئەسەرلەر، يازغۇچىلار ھەققىدە بىر مۇنچە نەزەرىيىۋى ۋە ئەدەبىي ماقالىلەرنى يازغان؛ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش بىلەن شۇغۇللىنپ، ناۋائىي، گۇمنام، قەلەندەر قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان، ئاشۇ ئەمگەكلىرى ئاساسىدا <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر>، <ناۋائىي غەزەللىرى> قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇ، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ماۋ جۇشى شېئىرلىرى>، <جۇدالىق زارى> قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان، ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ <تەتۈر كىرپىك> ناملىق شېئىرلار توپلىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. تېيىپجان ئېلىيوپ ھازىرقى زاماندىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدىمۇ ئومۇمىي ئېتراپقا ۋە خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ خەنزۇچە شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان، خەنزۇ تىلىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىغىمۇ شېئىرلىرى تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى ئىنگىلىز، فرانسۇز، تۈرك، ياپون، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كورىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە چىقىپ زىيارەتلەردە بولغان، شېئىر فېستىۋاللىرىغا قاتناشقان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ، 1982 - يىلى خەلقئارادا تەسىرى، ئورنى ناھايىتى چوڭ بولغان ئەدەبىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا كوپ قېتىم ئېرىشكەن. تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <شەرق ناخشىسى> (1195 - يىل، ئالمۇتا <يېڭى ھايات> نەشرىياتى)، <تېنىچلىق ناخشىسى> (1955 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <تۈگىمەس ناخشا> (1957 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن> (1963 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار> (1908 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <باھار ئىلھامى>(1984 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <تاللانغان شېئىرلار> (1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <يانتاق> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، <تۆھمەت قۇربانى> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى ھەر خىل كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ماقالىلىرى، خەت - چەكلىرى، ئەسلىمىلىرى توپلىنىپ، <تېيىپجان ئېلىيوپ: ئەسەرلەر> (1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى