مۇھەممەد تۇردى قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەد تۇردى قاسىم ئوغلى 1879 - يىلى خوتەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. باشقا دىنىي مەكتەپتە، 1911 - يىلى خوتەندە ئېچىلغان تۇنجى پەننىي مەكتەپتە ئوقوغان. پەننىي مەكتەپ تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقوغان. قايتىپ كېلىپ خوتەن شەھىرىدە ھۈنەرۋەرلىك قىلغان.
بىلىدىغانلارنىڭ ئېيىتىشىچە، ئۇ ئەينى ۋاقتتتا «ھەزىنى» تەخەللۇسى بىلەن خېلى كۆپ شېئىر يازغان ۋە شېئىرلىرىنى ئىككى دەپتەرگە كۆچۈرۈپ چىققان. (شائىرنىڭ قۇدا جەمەت تۇغقىنى ۋە ئىخلاسمەن تالىپى بولغان مۇھەممەد ئابدۇللا بەگ ھاجى خوتەندە نەشىر قىلىنغان «باياز» ناملىق توپلامدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇ ئىككى دەپتەردىكى شېئىرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.) ھالبۇكى، شائىر قولغا ئېلىنغاندا مال - مۈلكى، كىتاب - قول يازمىلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ۋە يوقېتىۋېتىلگەن. شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەدەبىي مىراسى ئۇنىڭ 1937 - يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە، ئارقىدىنلا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خوتەن ئاھالىسىنىڭ ئۈچ يىللىق پىغانى» ناملىق شېئىرى بولۇپ، غەزەل شەكلىدە يېزىلغان، 84 مىسرادىن تۈزۈلگەن بۇ شېئىردا شائىر ماخۇسەن قوشۇنلىرى 1934 - يىلدىن 1937 - يىلغىچە خوتەننى بېسىپ ياتقان ئۈچ يىل داۋامىدا خوتەن خەلقىگە سالغان ئازاب - ئوقۇبەت، زۇلۇم - كۈلپەت، ئالۋان - ياساقلىرى، كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرى ئۈستىدە غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىنىپ، خەلقىنىڭ قايغۇ - ھەسرەت، مۇڭ - زارى ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقپەرۋەر شائىرنىڭ خەلقىنىڭ قايغۇ - ھەسىرىتىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقى، ئەكسيەتچىلەرگە بولغان غەزەپ - نەپرىتى ئىپادىلىنىدۇ.
شېئىر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان. خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بۇ شېئىر ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزۇن ئۆتمەي شائىر قولىغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
تۆۋەندە، بۇ شېئىردىن بەزى پارچىلارنى ئوقوغۇچىلارغا تەقدىم قىلىمىز:
«دەرىخ، ئۈچ يىل داۋامىدا خوتەندە بار غېرىب مىللەت،
ئەجەپ زالىم - بۇلاڭچى قوللىرىدا خارۇ - زار ئولدى.
ھەمە مىسكىن قېرىنداشلار، ھەمە ئۇششاق ئوغۇل - قىزلار،
ئۇلار تىرناغى زەخمىدىن ئۆلۈمگە ئانچە زار ئولدى.
يالىڭاچ ئاچ، دېمەي يايى كېچەسى سەيسى دەپ ھەيدەپ،
سوغۇقتا مۇزلىبان ئۆلگەن تولا يوللار مازار ئولدى.
ھۈنەرۋەن جىنسى قويماق يىغدى ئەسلا يۇرتتا خاڭتۇلار،
ھەمە ئىشخانا بىر دەۋزاخ ئازابلار ئاندا بار ئولدى.
بۇ زالىم يۇرت تۇتۇشتا خۇن تۆكۈشتىن ئۆزگىنى بىلمەس،
بۇلاڭچىلىق، زىناخورلۇق ئاڭا بىر چوڭ شۇئار ئولدى.
ئۆي ئىچرە قالمايىن ھىچ شەي (شەي - نەرسە مەنىسىدە.)ئىشىككە بولمىدى ھاجەت،
خوتەن ۋەيرانلىقى ئۆيلەر ئىشىكسىز كۇھى غار (كۇھى غار - تاغ ئۆڭكۈرى.) ئولدى.
تامامۇ زۇلمىنى ئېيتسام يېزىپ بولماس ھەمە بىر - بىر،
خوتەن قەغەزلىرى سەپھى ئەنى يازماققا تار ئولدى.
ئەزىز مىللەت، ۋەتەنداشلار، ئۇلۇغ ئىقلىمى رەھبەرلەر،
بۈگۈن رەھىم ئەيلىڭىز بىزگە، بۇ يەڭلىغ روزىگار (روزىگار - زامان مەنىسدە) ئولدى.»
شائىر مۇھەممەد تۇردى قاسىم ئوغلى («ھەزىنى») نىڭ بۇ شېئىرى 1930 - يىللاردىكى رېئالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ.