ئالىمجان ھاكىمبايوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئالىمجان ھاكىمبايوف (ئۆزبىك) 1937 - يىلى سودىگەرچىلىك قىلىپ موسكۋادىن چۆچەككە كېلىدۇ ۋە بىر مەزگىل چۆچەكتە تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىلىدۇ، كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە قامىلىدۇ. 1938 - يىلى ئۇنى كېرەمجان دېگەن كىشى كېپىل بولۇپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىدۇ ۋە ئۈرۈمچى نەنگۈەندىكى سارايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1942 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىغا چەك قويۇلغاندىن كېيىن سودىدىن توختاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنى 1945 - يىلى چۆچەكتە مۇئاۋىن ۋالىي بولىدۇ. 1949 - يىلى سەيپىدىن ئەزىزىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. 1951 - يىلى 5 - ئايدىن 1953 - يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1954 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. كېيىنكى ئۆمرى موسكۋادا ئۆتىدۇ. 1991 - يىلى ئۇ پالەچ بولۇپ قالىدۇ ۋە موسكۋادا ۋاپات بولىدۇ.