ئاتساڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەدەبىي مىراسلىرى ئىچىدە ئاتساڭ ئىسىملىك شائىرنىڭ بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق نومى بولغان ئاراتامساكا سوترانى مەدھىيلەپ يازغان «ئون ساۋابلىق ئىشقا مەدھىيە» ناملىق بىر پارچە شېئىرى بار. شېئىر جەمئىي 14 كۇپلېت بولۇپ، باشتىكى 13 كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن، ئاخىرقى كۇپلېتى 4 مىسرادىن تۈزۈلگەن.
شېئىرنىڭ 1 - كۇپلېت 7 مىسراسىدىن بىزگە مۇئەللىپ ئىسمىنىڭ ئاتساڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرجىمھالىغا دائىر باشقا بىرەر ماتېرىيال بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن. ھالبۇكى، شائىر ئاتساڭنىڭ بۇ بىر پارچە شېئىرىدىكى ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش ماھىرلىقىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىلگەن شائىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
مەسىلەن، شائىر شېئىرىنىڭ 2 - كۇپلېتىدا:
ئاياغۇلۇغ ئۇمۇغۇمۇز بىرەر تۇشلاردا،
ئادىنلارنىڭ ئاسىغى ئۈچۈن كۈئۈكەلىگ ئۇز،
ئانچۇلايۇ قالتى سۇمۇر تاغلار قانى تەگ،
ئايى ئۇلۇغ ئارتۇق كۆركلە ئەتئۆز بەلگۈردۇر،
ئازۇيىمە ئول قاڭىمىز باغلاشىنۇ،
ئامرىلىپ ئىنچ تەررەمەدىن ئۇلۇرمىش ئۆدتە،
ئارىتى نەڭ سىمەكسىزىن ئالقۇتىن سىڭار،
ئاڭسىز ئۆكۈش ئۇلۇشلاردا تولۇ كۆزۈنۇر.
مەنىسى:
ھۆرمەتلىك پاسىبانىمىز كارامىتىنى كۆرسىتىپ،
باشقىلار ئۈچۈن بەخت ئىزلىگەندە،
گويا ئاسمانغا تاقاشقان سۇمۇر تېغىدەك،
بەستلىك ۋە قامەتلىك تۇرقىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە ئۇ ئاتىمىز سۈكۈتتە جىمجىت
چازا قۇرۇپ تەۋرىمەي ئولتۇرغىنىدا،
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزلەش ھاجەتسىز،
ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالدىدا كۆرۈنىدۇ.
شائىر ئاتساڭنىڭ بۇ بىر كۇپلېت شېئىرىدا ئۆزى مەدھىيىلىمەكچى بولغان ئوبيېكتنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشتىكى بەدىئىي ماھارىتى بىزنىڭ يۇقىرىقى پىكرىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.