UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئارغامچا تارتىشىش ئويۇنى

ئارغامچا تارتىشىش ئويۇنى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئارغامچا تارتىشىش - ئۇيغۇر خەلقىنڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنى. بۇ ئويۇن ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. ئۆتكۈزۈشكە ئەپلىك، ئۇنىڭغا قېرى - ياش، ئەر - ئايال بىردەك قاتنىشالايدۇ. بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى، ياش قۇرامى، جىنسىي ئايرىمىسى چەكلەنمەيدۇ. ئىككى تەرەپ بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشسە بولىۋېرىدۇ. ئارغامچا تارتىشىش ئويۇنى خۇشاللىق چوڭ يىغىلىش ۋە مىللىي بايراملاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىككى تەرەپ تەڭ بۆلۈنۈپ، قارىمۇ قارشى ھالدا مۇسابىقە قىلىدۇ. مۇسابىقە ئۇسۇلى: مۇسابىقىگە چۈشكۈچىلەر ئىككى گۇرۇپپىغا تەڭ بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئارغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قىزىل لېنتا باغلىنىدۇ. ئاندىن بىر تۈز يەرگە ئارىلىقى بىر مېتىردىن پاراللېل ئۈچ سىزىق سىزىلىدۇ. ئارغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلانغان قىسمى ئوتتۇرىدىكى سىزىققا توغرىلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئەزالىرى ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىزىقلاردىن ئۆتمەي، ئارغامچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇپ، تارتىشقا تەييارلىنىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى باشلاش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، ئۆز سىزىقىنى دەسسەپ تۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز تەرىپىگە كۈچەپ تارتىدۇ. بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدىكى ئەزالىرىنى ئوتتۇرا سىزىقتىن ئۆتكۈزۈۋەتسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ قېتىملىق تارتىشىش جەريانىدا، بىر تەرەپ ئىككى قېتىم يەڭگەن بولسا شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا، باشقۇرغۇچى باشلاش ئىشارىسى بەرمەي تۇرۇپ تارتسا، يەرنى ئويۇپ پۇت تىرەيدىغان قىلىۋالسا ھېساب بولمايدۇ ھەمدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئارغامچا تارتىشىش ھەرىكىتىنىڭ تارىخىغا كەلسەك، ئارغامچا تارتىشىش ھەرىكىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن. Ⅺ ئەسىردە ياشىغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دېگەن كىتابىدا <ئۇ ماڭا ئارغامچا تارتىشىپ بەردى. تارتىشىشتا بەسلىشىشكىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ> دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئارغامچا تارتىشىش ئويۇنى Ⅺ ئەسىردە بار بولغان ئويۇن بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئارغامچا تارتىشىش ئويۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki