UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىدىلبەر دورغا

دىلبەر دورغا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 105 مىسرا، 21 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن «مەزلۇملار ئاھى» سەرلەۋھىلىك مۇخەممەس بىر ئەسەردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانق خەلقىمىز ئىچىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا، دەپتەردىن - دەپتەرگە كۆچۈپ زامانىمىزغىچدە يېتىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي مىسراسلارنىڭ بىرى. ئەسەرنىڭ باش ۋە ئاخىرىدىكى ئاپتۇر تەخەللۇسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدىن، ئەسەر يېزىلغان دەۋر شارائىتىدىن ۋە ئاپتور ھەققىدىكى كېيىنكى ئىزدىنىشلەردىن بىز بۇ قىممەتلىك بەدىئىي مىراس ئاپتۇرىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن «دىلبەر دورغا» ناملىق شائىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلىرى يەرلىك ۋاڭ، بەگلەر بىلەن بىرلىشىپ خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ھەسسىلەپ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. خىلمۇ خىل ناملار بىلەن ئاتالغان ئالۋان - ياساقلار ھەدەپ كۆپىيىپ، خەلق ئاممىسى ئىقتىسادىي جەھەتتە تەلتۆكۈش خاراب بۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ. شائىر دىلبەر دورغىنىڭ مۇخەممىسى ئەنە شۇ تارىخىي - ئىجتىمائىي شارائىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى شەپقەتسىز رېئاللىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈلپەتلىك ئورنى، ئېچىنىشلىق ھاياتى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن. نامە ژانىرىدا يېزىلغان بۇ مۇخەممەسىنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئەرزنامە» بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، لېكىن بۇ ئەسەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلق ئارىسىدا «مەزلۇملار ئاھى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. (ئەسەر «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1982 - يىل 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.) تۆۋەندە، دىلبەر دورغىنىڭ بۇ مۇخەممەسىدىن بىر قانچە كۇپلېتنى كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز: «ئون باشى، يۈز باشى ئالۋان ئېلىپ تىنمايدۇ، پۇل بېرىڭ دەيدۇ تۇرۇپ ئالغۇچىلىك قويمايدۇ، دورغىلار بەزى كېلىپ قامچا بىلەن ئوڭلايدۇ، يالۋۇرۇپ ئەپۇ دېسەم قوللىرىمنى باغلايدۇ، مەن تۇغۇلغانغا پۇشايمان ھەم نادامەتتە بېگىم. قالمىدى مەندە ئېشەك، ئات، كالا، قوي ئەچكۈ ئۇلاغ، تۈگمە مۇنجاق كوچىمىزدا تۈگىدى ھەم ساچباغ، مېۋىسىز قالدى دەرەخلەر قۇرىدى باغ - ئاراغ، كەتتى ئالۋانغا تامام قالدى بىزلەردە فىراغ، ياخشى ۋەسىپىڭنى قىلالمايمەن بۇ ئىبادەتتە بېگىم. بۇ دىۋان بەگلەر قويار پاشىغا پىلنىڭ يۈكىنى، كۆتۈرەلەمدۇ بېگىم پاشا پىلنىڭ تۈكىنى، ھەم تېپىلغايمۇ ئۆلۈم، ئاھ . . . خۇدايىم شۇ كۈنى، ھېچ ئىلاج بولمىدى دىلبەر ئەرز قىلماي بۇ كۈنى، بۇ سەۋەب يىغلاماقىمگە ئۇشبۇ پۇرسەتتە بېگىم.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
دىلبەر دورغا | UyghurWiki | UyghurWiki