UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەركىن ئىبراھىم

ئەركىن ئىبراھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ئەدەبىي مۇھەررىر ئەركىن ئىبراھىم 1963 - يىل 9 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1974 - يىلىدىن 1979 - يىلغىچە تۇقسۇدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1979 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1983 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن، 1985 - يىل 10 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا ئالمىشىپ، ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. ئەركىن ئىبراھىم ئەدەبىيات ساھەسىگە 1980 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مەن بىر قۇشمەن> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بىر قانچە شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئەركىن ئىبراھىم ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئەركىن ئىبراھىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى