UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىزوھۇرى

زوھۇرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى «زوھۇرى» تەخەللۇسى بىلەن بىزگە ئۆز دىۋانىنى قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ، 19 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ تۇرغان زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئىكەنلىكى يېقىنقى يىللاردا ئەدەبىياتىمىزغا ئايان بولدى. (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ ئومۇمىي 11 - سانىدا شائىر قۇربان بارات زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ھەمدە «دىۋان زوھۇرى» نى ئېلان قىلدى). زوھۇرىدىننىڭ دىۋانى پۈتۈنلەي غەزەل شەكلىدىكى شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شېئىرلىرىنىڭ ئاخىرىدا «زوھۇرى» تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەندىن تاشقىرى ئۆز ئىسمى زوھۇرىدىننىمۇ قوللانغان. دىۋاندىكى غەزەللەر ئىشق - مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تېمىدا بولۇپ، شائىرنىڭ مۇرەككەپ تۇيغۇلىرى ۋە ئىچكى كەچۈرمىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغىنى ئۈچۈن 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردە چڭ سۇلالىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلىڭى بورىندا فەرغانىگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى، قاچان، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئەدەبىياتىمىزدا ئۆزىگە خاس بىر بۆلەك ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ھەمدە 30 -، 40 - يىللاردا قەشقەردىكى ئەدەبىي ۋە مەدەنىي ھاياتنىڭ گۈللىنىشىدە ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا مەلۇم ئورۇن تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى