گېنېرال ئېزىزوف قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئېزىزوف 1924 - يىلى 8 - ئايدا ئاتۇشتا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى، كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كۆچۈپ باردى. 1942 - يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 9 - قارارلىق شۆبىسىدە ئوقۇدى، ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋۇزۋوت كوماندىرى، مۇئاۋىن روتا كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مىللىي 5 - كورپۇس 41 - پولكىنىڭ شىتاب باشلىقى، كورپۇس سىياسىي بۆلۈمى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 4 - پولكىنىڭ شىتاب باشلىقى، ئاتلىق ئەسكەرلەر مۇستەقىل 3 - پولكىنىڭ شىتاب باشلىقى، مۇئاۋىن پوللك كوماندىرى، پوللك كوماندىرى؛ ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قۇمۇل شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچە قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى.
ئېزىزوف قاسىم خېلى بۇرۇن ئىلغار ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئەكسىيەتچى دائىرلەر تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان 1947 - يىلى، ئۇ مىللىي ئارمىيىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق روتىنى باشلاپ، گومىنداڭ ۋە ئوسمان باندىت قوشۇنىنى يوقىتىش جەڭلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان. 3 - ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنىڭ پوللك كوماندىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭلارنى تىنجىتقان؛ 1962 - يىلى 3 - پولكىنى باشلاپ جۇڭگو - ھىندىستان چېگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشقان. شۇ تۆھپىسى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن.
ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىر، ئارمىيىمىزنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھەربىي ئىلىمنى بېرىلىپ تەتقىق قىلاتتى. ئېزىزوف قاسىم ھاياتىدا <مارشالنىڭ نەسھىيىتى>، <ئۇرۇش ۋە قوماندان> ۋە <جەڭ شەمشىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. <قىساس خەنجىرى> دېگەن كىتابنى يېزىپ پۈتتۈردى.
ئۇ 6 -، 7 -، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغانىدى.
ئېزىزوف قاسىم 1994 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلدى.