ئوسمانجان ناسىروف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوسمانجان ناسىروف 1930 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچ دەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، 1938 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك 5 - مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇيدۇ. 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ. 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ.