UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا ھاپىز

ئابدۇللا ھاپىز

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئابدۇللا ھاپىز 1975 - يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ خۇدايار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق ۋە ياشلىق يىللىرىنىڭ دەسلىپىنى ئىشلەمچىلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن، كېيىنچە غۇلجا شەھىرىدىكى مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ تېرىقچىلىق قىلغان، ئەمما كۆپ ۋاقىتنى سىرتلارغا چىقىپ، سەيلە - ساياھەت قىلىش، جاھان كېزىش، ئەلنەغمە - مەشرەپ سورۇنلىرىدا بولۇش، ھەر خىل يىغىلىشلاردا مەدداھلىق قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1956 - يىلى ئۆز يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇللا ھاپىز نۇرغۇن قوشاقلارنى، لەتىپە - مەسەللەرنى، رىۋايەت - داستانلارنى توقۇغاندىن باشقا، <قەلەم> تەخەللۇسىنى قوللىنىپ <ئاق ئۆستەك ھەققىدە>، <دېھقانلار ھەققىدە>، <ئىلىم ئۆگىنىش ھەققىدە>، <ھەر كىم ئېيتۇر ئادەملەردە ئىنساپ يوق دەپ>، <>قەلەم< ھەققىدە غەزەللەر>، <ياخشى>، <نادان يىگىت>، <تەمە ھەققىدە>، <خوشلىشاي>، <يېتىملار ھەققىدە>، <سائادەتخاننىڭ زارى> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ھەم بۇ شېئىرلارنى 1944 - 1948 - يىللىرى توپلاپ - رەتلەپ، دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرگەن، دىۋان ئىككى چوڭ باب، 42 پەسىلگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. دىۋاندىكى شېئىرلاردىن شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئابدۇللا ھاپىز ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئەسەر ئۇنىڭ <يۈسۈپ - زۇلەيخا> داستانىدىن ئىبارەت. ئىسلام ئەللىرى ئەدەبىياتىدىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى مۇھەببەت قىسسىلىرىدىن بىرى بولغان <يۈسۈپ - زۈلەيخا> تېمىسىنى شائىر ئۆزگىچە بىر خىل بەدىئىي ئۇسلۇب، خەلق داستانلىرىنىڭ نەزمە بىلەن ئىجادىي يوسۇندا يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئەسەر شائىر ئىجادىيىتىدىلا ئەمەس، ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئابدۇللا ھاپىزنىڭ <يۈسۈپ - زۈلەيخا> ناملىق داستانى 1985 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بىر قىسىم شېئىرلىرى 1982 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <گۈدۈك> ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا ھاپىز | UyghurWiki | UyghurWiki