UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىسكەندەر خوجا

ئىسكەندەر خوجا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىسكەندەر خوجا ئىمىن خوجىنىڭ 6 - ئوغلى بولۇپ، 1779 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاكىسى سۇلايماننىڭ ۋاڭلىق مەنسىپى ئېلىپ تاشلىنىپ،جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جۈنۋاڭلىق (ئىنانچخانلىق) مەنسرنڭ ھاكىمبېگى ئوسمان بەگ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندا ئىسكەندەر خوجا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگ بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1794 - يىلى قەشقەردە چېگرا تەكشۈرگۈچى يەرلىك ئەمەلدارلار ئەنجانلىق سودىگەرلەرنىڭ پارا بېرىشى بىلەن نۇرغۇن چېگرا بېجىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئىسكەندەر بەگ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ دېلونى تەكشۈرۈپ، پارىخورلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، چيەنلۇڭ خاننى تاۋاپ قىلىدۇ. چيەنلۇڭ خان ئىسكەندەر خوجىنى مۇكاپاتلايدۇ. 1805 - يىلى ئىسكەندەر بەگ يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خاننى تاۋاپ قىلىدۇ. ئىسكەندەر بەگ 1811 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىسكەندەر بەگنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۈچۈن 300 سەر كۈمۈش ئىنئام قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى