UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسەلاھى

سەلاھى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر سەلاھىنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلمىگەن. بىز شائىرنى پەقەت ھىجرىيىنىڭ 1153 - يىلى (مىلادى 1739 - 1740 - يىللىرى) قەشقەردە يازغان «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىدىن بىلىمىز. «گۈل ۋە بۇلبۇل» شائىر ھىرقەتىنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» داستانى بىلەن تېما جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككى داستاننىڭ سۇژىتى بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ. «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنىڭ پېرسوناژلىرىمۇ قىزىل گۈل، بۇلبۇل، سابا ۋە تىكەندىن ئىبارەت سىمۋولىستىك ئوبرازلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان، بولۇپمۇ داستاننىڭ يېشىمى «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» داستانىغا ئوخشاش، تېما، ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىدىن تەسەۋۋۇپ ئىدىيىلىرىنىڭ سىمۋوللاشتۇرۇلغان ئاساستا ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» ئەسىرى ۋە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «لىسانۇتتەير» ئەسىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان. شائىر سەلاھى «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنىڭ ئاخىرىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن تاماملايدۇ: «ئوقۇبان سەير قىلسۇنلار بۇ داستان، كى ئاشىقلار ئۈچۈن قىلدىم گۈلىستان. ئىشىت تارىخنى بۇلبۇل كەبى ئۇچ، بولۇپ بىر مىڭۇ بىر يۈز ئەللىكۇ ئۈچ، تامام ئەيلە گۇلۇ بۇلبۇل بىلە بۇ مەنتىقۇتتەير، بايانى ئىشق بۇلبۇل بىرلە گۈلدۇر تەممەتۇلخەير.» «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا قاراپ، شائىرنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ، ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى